
شۇ يەر ۋاقتى 31 - ئاۋغۇست كەچتە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئاقسارايدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ۋەزىپىسىنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا شەرق ۋاقتى 31–ئاۋغۇست كەچ سائەت 20:00 (بېيجىڭ ۋاقتى 1–سېنتەبىر سائەت 8:00) دە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى باراك ئوباما ئاقسارايدىكى ئېللىپىسسىمان ئىشخانىدا 18 مىنۇتلۇق تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ ، ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا جەڭگىۋار قىسىمىنىڭ ئۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئاياغلاشتۇرۇپ چېكىنىپ چىققانلىقىنى رەسمىي جاكارلاپ، ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇھىم نۇقتىنى ئىقتىسادنى قايتا جانلاندۇرۇشقا قارىتىدىغانلىقىنى، بۇ ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئوباما مۇنداق دېدى: ‹‹بۈگۈن ‹ئىراق ئەركىنلىك ھەرىكىتى›› ئاياغلاشتى، ئىراقلىقلار ئەمدى ئۆز دۆلىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئۆزى كاپالەتلىك قىلىدۇ››.
ئامېرىكا 2003 - يىلى مارتتا ئىراق ئۇرۇشىنى قوزغىغان بولۇپ، ئۇرۇشنىڭ شەرتلىك بەلگىسى ‹‹ئىراق ئەركىنلىك ھەرىكىتى›› ئىدى. يەتتە يىلغا سوزۇلغان ئۇرۇشتا، 4400 نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرى ئىراقتا ھاياتىدىن ئايرىلدى، 30 نەچچە مىڭ ئەسكەر يارىلاندى، لېكىن قازا قىلغان - يارىلانغان ئىراق پۇقرالىرى بۇ ساننىڭ ئىچىدە يوق .
( مۇھەررىر : شەرىپە )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!