ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

19-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ ئۈرۈمچى تاشقى ئىقتىساد سودا يەرمەنكىسى داغدۇغىلىق ئېچىلدى

2010-يىلى09-ئاينىڭ01-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: قەيسەر چېكىلىشى:قىتىم
يەرمەنكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش    ئۆز مۇخبىرلىرىمىز بۇئايشەم راخمان ، نىجات نىياز ، ئالىمجان ئابدۇراخمانلار خەۋىرى ، فوتوسى : 19–نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ ئۈرۈمچى تاشقى ئىقتىساد سودا يەرمەنكىسى (ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى ) بۈگۈن (1–سېنتەبىر)چۈشتىن بۇرۇن ئۈر
  

يەرمەنكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش

   ئۆز مۇخبىرلىرىمىز بۇئايشەم راخمان ، نىجات نىياز ، ئالىمجان ئابدۇراخمانلار خەۋىرى ، فوتوسى : 19–نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ ئۈرۈمچى تاشقى ئىقتىساد سودا يەرمەنكىسى (ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى ) بۈگۈن (1–سېنتەبىر)چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 8:30 دا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى .

    ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى ، دۆلەت كومىسسارى ليۇ يەندۇڭ ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىسمائىل تىلىۋالدى قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرى شۇنداقلا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئىمىرباقى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ئەسقەت كەرىمباي قاتارلىق رەھبەرلەر يەرمەنكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى . ئېچىلىش مۇراسىمىغا يەنە مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر ۋە سودا ۋەكىللەر ئۆمىكى ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى ۋە سودا ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى قاتناشتى .

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى ليۇ يەندۇڭ يەرمەنكىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى

    ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى ، دۆلەت كومىسسارى ليۇ يەندۇڭ 19–نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ ئۈرۈمچى تاشقى ئىقتىساد سودا يەرمەنكىسىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى .

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى تەبرىك سۆزى قىلدى

    نۇر بەكرى يەرمەنكىدە تەبرىك سۆزى قىلىپ مۇنداق دېدى : مەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە 19–نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى رەھبەرلىك كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن شۇنداقلا يەرمەنكىگە قاتنىشىش ئۈچۈن مەملىكىتىمىزنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالىمەن .

   ئىگىلىنىشىچە ، 19–نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ ئۈرۈمچى تاشقى ئىقتىساد سودا يەرمەنكىسى بەش كۈن داۋاملىشىدىكەن .

يەرمەنكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!