ئىسلاھات ،ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرغاندىلا ،دۆلەتنىڭ پارلاق ئىستىقبالى بولىدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شېنجېن، 21 – ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. بۇ يىل شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قۇرۇلغانلىقىغا 30 يىل بولدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ يېقىندا شېنجېندا خىزمەت تەكشۈردى ھەم گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ۋە شېنجېن شەھىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى. ۋېن جياباۋ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايوننىڭ 30 يىلدىن بۇيانقى ئەمەلىيىتى شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ھازىرقى جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق تاللاش بولۇپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، خەلقنى بەخت – سائادەتكە ئېرىشتۈرۈشنىڭ مۇقەررەر يولى. ئۆتكەن 30 نەچچە يىلدا جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى، ئۆزگىرىشىدە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە تاياندۇق، كەلگۈسىدە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىمۇ يەنىلا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە تايىنىمىز.
ۋېن جياباۋ 20 – ئاۋغۇستتىن 21 – ئاۋغۇستقىچە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ ياڭنىڭ ھەمراھلىقىدا، كارخانا، پەن – تەتقىقات ئورۇنلىرى، پورت ۋە مەھەللىلەرگە بېرىپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تېزلىتىش، ئىستراتېگىيەلىك، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلدى. ۋېن جياباۋ بارغانلا جايدا كادىرلار، ئامما بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلىشىپ، شېنجېننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات پىلانلىرى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايوننىڭ گۈزەل ئىستىقبالى ئۈستىدە پاراڭلاشتى. 20 – ئاۋغۇست كەچتە ۋېن جياباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە يىغىن ئېچىلدى، يىغىندا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ۋە شېنجېن شەھىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، يىغىندا ۋېن جياباۋ مۇھىم سۆز قىلدى.

ۋېن جياباۋ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايوننى داۋاملىق گۈللەندۈرۈشىمىز، تېخىمۇ ياخشى قۇرۇشىمىز كېرەك. ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون مەۋقەنى چوقۇم يېڭى پەللىگە قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، يېڭى نىشاننى كۆزلەپ، يېڭىلىق يارىتىش ئەۋزەللىكىنى كۈچەيتىپ، يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. 1 . ئالاھىدىلىكتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئۆز شارائىتى ۋە ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى خاسلىق يارىتىشى كېرەك. 2 . ياخشى بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. كەلگۈسى تەرەققىيات نىشانى، ۋەزىپىلەرنى بېكىتىشتە، ئىشقا ئاشۇرۇشتا ياخشى بولۇشنى، ياخشىلىرىنى ئاۋۋال قىلىشنى، ياخشىلىرىنى تېز قىلىشنى تەكىتلەش كېرەك. 3 . يېڭىلىقنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىشنى ئالاھىدە رايوننىڭ جېنى، دەپ بىلىشتە چىڭ تۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىشتا تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇش، يېڭىلىق يارىتىشتا تەرەققىيات ئەۋزەللىكى بولۇش، يېڭىلىق يارىتىشتا تەرەققىيات بايلىقى بولۇش، يېڭىلىق يارىتىشتا تەرەققىيات بوشلۇقى بولۇشى كېرەك. 4 . باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىش كېرەك. ھەممىنىڭ ئالدىدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۆز ئورنىنى تېپىپ، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈلگە رايونى، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتىكى باشلامچى رايون، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىن يۈرەر رايون بولۇش كېرەك. 5 . ئەمەلىي ئىشلەشنى مەۋقە قىلىش كېرەك. ساقلاپ تۇرماسلىق، يۆلىنىۋالماسلىق، ئېغىزدا شەھەر ئالماسلىق، بەس – مۇنازىرە قىلماسلىق، ھەپىلەشمەسلىكتەك ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، يول ئېچىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئىشلەش، ئىگىلىك يارىتىش، ئەمەلىي نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئالاھىدە رايون بايرىقىنى تېخىمۇ ئېگىز كۆتۈرۈشى كېرەك.
ۋېن جياباۋ مۇنداق دېدى: سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي ئېغىشماي ئىلگىرى سۈرۈشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ئېلىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بىراق ئېلىمىز يەنىلا سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ ھەم بۇ باسقۇچتا ئۇزاق مەزگىل تۇرىدۇ. زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغ نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا توختىماي كۈرەش قىلىشىمىز زۆرۈر. چوقۇم ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە كىشىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان تۈزۈلمە توسالغۇلىرىنى سۈپۈرۈپ تاشلاش ئارقىلىق، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەتنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلىشىنى خورىماس كۈچ بۇلىقى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
ۋېن جياباۋ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: بىز يېڭى، ئۇلۇغ تارىخىي پەللىدە تۇرۇۋاتىمىز، تېخىمۇ شەرەپلىك ھەم مۇقەددەس ۋەزىپىنى زىممىمىزگە ئالدۇق. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرغاندىلا، دۆلەتنىڭ پارلاق ئىستىقبالى بولىدىغانلىقىنى ئېسىمىزدە چوقۇم مەڭگۈ ساقلىشىمىز كېرەك. سەگەك بولىشىمىز، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىشىمىز، ئىشەنچنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، يۈرەكلىك ئىزدىنىشىمىز، توختاپ قالماسلىقىمىز ھەم چېكىنمەسلىكىمىز كېرەك. توختاپ قالساق ياكى چېكىنسەك 30نەچچە يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش نەتىجىلىرى ۋە قىممەتلىك تەرەققىيات پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يوقىتىپلا قالماي، خەلقنىڭ ئىرادىسىگىمۇ خىلاپلىق قىلغان بولىمىز. بۇ ئاخىرىدا ھالاكەت يولىغا باشلايدۇ. دۆلەتنىڭ تەقدىرى ۋە ئىستىقبالىغا چېتىلىدىغان بۇ چوڭ ئىشتا قىلچە تەۋرەنمەسلىكىمىز كېرەك.