
مەخسۇس ئايروپىلان ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ ئۇزاق ئۆتمەي ، ۋېن جياباۋ تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى ، مالىيە مىنىستىرلىقى ، سۇ ئىنشائاتى مىنىستىرلىقى ، زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى ، سەھىيە مىنىستىرلىقى ، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ، قاتناش ترانسىپورت مىنىستىرلىقى ، گوۋۇيۈەن تەتقىقات بۆلۈمى ۋە ئازادلىق ئارمىيە باش ئىشتابى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار بىلەن يىغىن ئېچىپ ، ئاپەت ئەھۋالىنى دەسلەپكى قەدەمدە تەھلىل قىلدى . ۋېن جياباۋ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى ، گەنسۇنىڭ جوۋچۇ رايونىدا 8–ئاۋغۇست سەھەردە زور دەرىجىدە لاتقا–شېغىللىق ئېقىن ئاپىتى يۈز بەردى ، ئاپەت يۈز بەرگەن رايون بىر قەدەر چەت ، تاغلىق رايون بولغاچقا ، سۇ ، توك ، قاتناش ، ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالدى ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىمۇ يۇقىرى . شۇڭا بىز چوقۇم توققۇز تۈرلۈك خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ ، ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنى جىددىي قۇتقۇزۇشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك .


8–ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن ، زۇڭلى ۋېن جياباۋ زور دەرىجىدە لاتقا–شېغىللىق ئېقىن ئاپىتى يۈز بەرگەن گەنسۇنىڭ جوۋچۇ رايونىغا يېتىپ بېرىپ ، ئاپەت ئەھۋالىنى كۆزدىن كۆچۈردى ۋە قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى .


مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە ، 8–ئاۋغۇست سائەت 21:00 گىچە ، جوۋچۇدىكى غايەت زور تاغ كەلكۈنى لاتقا–شېغىللىق ئېقىن ئاپىتىدە 127 ئادەم قازا قىلغان ، 88 ئادەم يارىلانغان ، 1294 ئادەم يوقاپ كەتكەن . نۆۋەتتە ، ئۆلۈش - يارىلىنىش ، مال ــ مۈلۈكنىڭ زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىۋاتقان بولۇپ ، ھەر قايسى جايلاردىن قۇتقۇزۇش كۈچلىرى ۋە ماددىي ئەشيالار تېزلىكتە جوۋ چۈگە قاراپ كېلىۋېتىپتۇ .



