ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

ئىككى ئەر كىشى خىلاپ ھالدا ئۇيقۇسى كىلىپ، يۇقىرى سۈر ئەتلىك تاشيولدا ئورۇن سېلىپ ئۇخلىغان

2010-يىلى07-ئاينىڭ30-كۈنىمەنبە:news.cn تەھرىر: قەيسەر چېكىلىشى:قىتىم
يۇقىرى سۈر ئەتلىك تاشيولدا3 سائەتتىن ئارتۇق ئۇخلىغان تۈنۆگۈن تاڭغا يېقىن ۋاقىتتا، يۇقىرى سۈر ئەتلىك تاشيول ساقچىسى شىجياجۇاڭ چوڭ ئەترىتى خەلق ساقچىلىرى چارلاۋاتقاندا، ئىككى ئەر كىشىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئوتتۇرىسىدا تاتلىق ئۇخلاۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ
  


يۇقىرى سۈر ئەتلىك تاشيولدا3 سائەتتىن ئارتۇق ئۇخلىغان


تۈنۆگۈن تاڭغا يېقىن ۋاقىتتا،  يۇقىرى سۈر ئەتلىك تاشيول ساقچىسى شىجياجۇاڭ چوڭ ئەترىتى خەلق ساقچىلىرى چارلاۋاتقاندا، ئىككى ئەر كىشىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئوتتۇرىسىدا تاتلىق ئۇخلاۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. يەنە تېخى ئىلگىرى بۇ شوپۇر بىخەستىلىك قىلىپ بىر قېتىملىق ناھايىتى ئېغىر قاتناش ھادىسىسىنى چىقارغان ئىكەن. 
تۈنۆگۈن تاڭ سەھەر 4دىن 30 مىنوت ئۆتكەندە، چارلاش خەلق ساقچىلىرى شىئەن تاشيولىدىن تاكى يۈخۇا يولىدىكى ئېغىزغىچە چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا،  بىر ئاق رەڭلىك چوڭ يۈك ماشىنىسىنىڭ يول ئوتتۇرىسىغا توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى، ھەتتا  بۇ ماشىنىنىڭ سىگنال چىراقلىرىنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ياندۇرۇلمىغانلىقى كۆرىدۇ. ساقچىلار تېخى بۇ ماشىنىنى ھادىسىگە ئۇچىرىغان ئوخشايدۇ دەپ قارىغان.  دەرھال ماشىنىنىڭ ئالدىغان بېرىپ قارىسا، نەتىجىدە كۆز ئالدىدىكى بۇ كۆرۈنۈش ساقچىلارنى قاتتىق چۆچۈتىۋەتكەن. ئىككى ئەر كىشى  ئىككى ئەتراپىدىكى ئۇچقاندەك يۈرۋاتقان ماشىنىلارغا قىلچە پەرۋا قىلماي ئورۇن سېلىپ ئۇخلاۋاتقان ئىكەن، تېخى قاتتىق خورەك تارتىپ ئۇخلاۋاتقان ئىكەن.
ساقچىلار بۇلارنى كۆرگەندىن كېيىن، دەرھال ئىككەيلەننى ئويغاتقان ئاندىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. بۇ ئىككىلىسى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جياۋزو شەھىرى شىيۇۋۇ ناھىيىسىدىن ئىكەن،  بۇ قېتىملىق ئۇزۇن سەپەردە بەك چارچاپ كەتكەنلىكى تۈپەيلى تەخمىنەن سەھەر ۋاقتى بىرلەر ئەتراپىدا شوپۇر ۋاڭنىڭ ئۇيقۇسى كىلىپ كۆزىنى ئاچالماي قالغانلىقى، ئاندىن ئامالسىز بۇ يەردە ئۇخلاپ قالغانلىقىنى ئېيتقان. يەنە بىر قوشۇمچە شوپۇر جۇ مۇ بەك چارچاپ كەتكەنلىكى ئېيتىپ، ئىككىسى كىلىشىپ بىخەتەررەك جاي ئىزدىگەن، شۇنىڭ بىلەن يۈخۇا يولى ئېغىزىدىكى مەيدانغا ماشىنىنى توختىتىپ بىرەر سائەتلا ئۇخلىۋېلىشنى، بۇ يولىنىڭ ئاساسىي لىنىيە ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلىقىنى، ئويلىمىغان يەردىن ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق ئۇخلىۋەتلىكىنى ئېيتقان.
ساقچىلار بۇ ئىككىسىگە قاتتىق تەنقىد تەربىيە ئىشلىدى ھەمدە  بۇ ئىككىسىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا جىددى ماشىنا يولىنى ئىگىلەپ ماشىنا توختاتقان دەپ جازالىدى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!