ئىچكى موڭغۇلنىڭ باياننۇر شەھىرىدە يۈز بەرگەن <27-مارت پەۋقۇلئاددە زور قاتىللىق دېلوسى> نىڭ جىنايەت گۇماندارى لى خۈەنۋېن تۈنۈگۈن كەچتە ئېردوستا قولغا ئېلىندى . 3-ئاينىڭ 27-كۈنى لى خۈەنۋېن باياننۇر شەھىرى لىنخې رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق جاڭ XX نى ئايالى ۋە ئۈچ بالىسى بىلەن قوشۇپ ئۆلتۈرىۋېتىپ قېچىپ كەتكەن . ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ج خ مىنىستىرلىكى 1-دەرىجىلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ ، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا جىنايەت گۇماندارىنى ئىزدەپ تۇتۇشنى بۇيرۇغان .
جىنايەت گۇماندارى لى خۈەنۋېن قولغا ئېلىش بۇيرۇقىغا ئىمزا قويۇپ ئەل بولدى