بوئىن شىركىتى ياساپ چىقماقچى بولغان ئالەم كېمىسى CST-100 نىڭ تاشقى كۆرۈنۈش رەسىمى
ئالەم كېمىسىنىڭ ئىچكى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى
ئامېرىكا بوئىن شىركىتى ئالەم بوشلۇقى ساياھەتچىلىك ساھەسىگە كىرگەن، ئەڭ تىز بولغاندا 2015-يىلىدىن باشلاپ، ساياھەتچىلەرنى ئۆزى لاھىيلەپ ياساپ چىققان بوئىن ئالەم بوشلۇقى كېمىسىگە ئولتۇرغۇزۇپ خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا ئېلىپ چىقىپ ، ئالەم بوشلۇقى ساياھىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى پىلانلىغان. ئەگەر بۇ پىلان ئەمەلگە ئېشىپ قالسا، بۇ ئامېرىكىدىن ماڭغان تۇنجى ئالەم بوشلۇقى ساياھەت ئۆمىكى بولۇپ قالدى.
خەۋەرلەردە دىيىلىشىچە، بوئىن شىركىتى ئالەم بوشلۇقى ساياھەت شىركىتى Space Adventuresبىلەن كېلىشىم ئىمزالىغان بولۇپ، قارشى تەرپ بوئىن شىركىتى ئۈچۈن ئالەم بوشلۇقى ساياھەت تۈرىنى تونۇشتۈرىدىغان بولغان. Space Adventures شىركىتى بۇرۇن يەتتە ئادەمنى روسىيە ئالەم ئايرۇپىلانىغا ئالتۇرغۇزۇپ خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا چىقارغان، ساياھەتچىلەرنىڭ ئىچىدە قوياش سېرىك ئۆمىكىنىڭ قۇرغۇچىسىمۇ بار بولۇپ، ئۇ 35 مىليۇن دوللاردىن كۆپرەك پۇل خەجلەپ ئالەم بوشلۇقىدا 10 كۈن تۇرۇپ كەلگەن.
بوئىن سىركىتى ياسىماقچى بولغان ئالەم كېمىسى CST-100 گە يەتتە كىشلىك ئورۇن سەپلىنىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ تۆتى ئۇچقۇچىلارغا ، ئۈچى ساياھەتچىلەرگە قالدۇرۇلغان، فىلورىدا ئىشتاتىدىكى كاناۋېرال سۈنئىي ھەمرا قويۇپ بېرىش مەركىزىدىن يولغا چىقىپ، يەرشارىغا يېقىن ئوربىتىغا كىرىدىكەن.Space Adventures شىركىتى ئېنىق بولغان باھانى ئوتتۇرغا قويمىغان، پەقەت، روسىيە ئالەم كېمىسىگە قارىغاندا «تېخىمۇ رىقابەت كۈچىگە ئىگە» دىگەن.
بوئىن شىركىتى ئالەم بوشلۇقى ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرغاندىن باشقا يەنە، NASAغا ئالەم ئۇچقۇچىسى ئورنىنى سېتىپ بېرىپ، ئاۇلارنى خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىغا ئېلىپ چىقىدىكەن. ئوباما ھۆكۈمىتى بەش يىل ئىچىدە ئالتە مىليارد مەبلەغ ئاجىرىتىپ مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.