ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، نېفىت ئېقىپ كېتىشتىكى مەسئۇلىيەتنى يۆتكىدى

2010-يىلى09-ئاينىڭ13-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: قەيسەر چېكىلىشى:قىتىم
ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى خېيۋارد (ماتېرىيال سۈرەت)    ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتى 8–سېنتەبىر مېكسىكا قولتۇقىدىكى نېفىت ئېقىپ كېتىش ھادىسىسىگە قارىتا ئىچكى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ ، دوكلاتتا ماشىنا–زاپچاسلاردىن كاشىلا چى
  

ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى خېيۋارد (ماتېرىيال سۈرەت)

   ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتى 8–سېنتەبىر مېكسىكا قولتۇقىدىكى نېفىت ئېقىپ كېتىش ھادىسىسىگە قارىتا ئىچكى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ ، دوكلاتتا ماشىنا–زاپچاسلاردىن كاشىلا چىقىش ، خادىملارنىڭ خاتا ھۆكۈم چىقىرىشى ۋە لايىھە مەسىلىسى قاتارلىق ‹‹بىر يۈرۈش خاتالىق›› لار كۆرسىتىلگەن . گەرچە ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتى ئۆزىنىڭ بەزى خاتالىقلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرغان بولسىمۇ ، لېكىن كۆپ قىسىم مەسئۇلىيەتنى باشقا شىركەتكە يۈكلىگەن.

   شۇ كۈنى ، ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتى مېكسىكا قولتۇقىدىكى ‹‹چوڭقۇر سۇ ئۇپۇق سىزىقى›› بۇرغىلاش سۇپىسىنىڭ پارتلىشى ھەم زور مىقداردىكى خام نېفىتنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان نۇرغۇن سەۋەبلەرنى كۆرسەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتى خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىك سىنىقى ئېلىپ بارغاندا سىناق نەتىجىسىنى خاتا چۈشىنىۋالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

   بىراق ، ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى پەرىزىگە ئوخشاشلا ، تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆپ قىسىم مەسئۇلىيەت باشقا شىركەتكە يۈكلەنگەن ، ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتى مۇنداق دېدى: بۇرغىلاشنى ھۆددىگە ئالغۇچى ‹‹Transocean›› نىڭ خىزمەتچى خادىملىرى خەتەر سېگنالىنى تۇيمىغان ؛ Halliburton شىركىتى مەسئۇل بولغان نېفىت قۇدۇقىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىدە خاتالىقلار ساقلانغان .

   ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى خېيۋارد شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ‹‹ناھايىتى روشەنكى، ئاپەتنىڭ يۈز بېرىشىنى يەككە خاتالىق كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەمەس ، بەلكى بىر قاتار مۇرەككەپ ھادىسىلەر پەيدا قىلغان››.

   8–سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتىنىڭ دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ، ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتىنىڭ لوندوندىكى پاي باھاسىدا كۆرۈنەرلىك ئۆسۈش كۆرۈلگەن .

   ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتىنىڭ ئىچكى تەكشۈرۈشىدىن كېيىن ، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ، پارلامېنتى ۋە زۇڭتۇڭ ئوباما تەيىنلىگەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىمۇ ئۆزلىرىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىدىكەن .

( مۇھەررىر : شەرىپە )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!