ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئەنگىلىيىدىكى ئەڭ سېمىز ئايالنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالدى

2010-يىلى07-ئاينىڭ15-كۈنىمەنبە:شىنخۇا تورى تەھرىر: ئادىل چېكىلىشى:قىتىم
ئەنگىلىيىدىكى ئەڭ سېمىز ئايال ھېسابلىنىدىغان ئەندى شارون بۇ يىل 40 ياشقا كىرگەن بولۇپ ، بويى ئېگىزلىكى ئارانلا 1.5 مېتر كەلسىمۇ لېكىن بەدەن ئېغىرلىقى 286 كىلوگرامغا يېتىپ ، ئۇنىڭ يۈرەك ۋە ئۆپكە قاتارلىق ئىچكى ئەزالىرىغا ئېغىر بېسىم ئېلىپ كەلگەن . نۆۋەتتە
  

ئەنگىلىيىدىكى ئەڭ سېمىز ئايال ھېسابلىنىدىغان ئەندى شارون بۇ يىل 40 ياشقا كىرگەن بولۇپ ، بويى ئېگىزلىكى ئارانلا 1.5 مېتر كەلسىمۇ لېكىن بەدەن ئېغىرلىقى 286 كىلوگرامغا يېتىپ ، ئۇنىڭ يۈرەك ۋە ئۆپكە قاتارلىق ئىچكى ئەزالىرىغا ئېغىر بېسىم ئېلىپ كەلگەن . نۆۋەتتە ئۇ پەقەت مەخسۇس ياسالغان  كارىۋاتتا مىدىرلىيالماي ياتقاندىن باشقا يەنە نەپەسلىنىشتە قاتتىق قىينالغانلىقتىن پەقەت ئوكسېگىن خالتىسى ئارقىلىقلا نەپىسىنى داۋاملاشتۇرالايدۇ .

شارون ئەسلىدە دوختۇرخانىدا ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئورۇقلىماقچى بولغان بولسىمۇ ، لېكىن دوختۇرلار ئۇنىڭ پەۋقۇلئاددە ئەھۋالىنى كۆرۈپ ئوپېراتسىيە قىلىشنى ئاۋارىچىلىق كۆرۈپ ئۇنى داۋالاشنى رەت قىلغان ، ھەتتا ئۇنىڭغا كارىۋاتتا جىم يېتىپ ئۆلۈمنى كۈتۈشنى ئېيتقان .

شاروننىڭ ئېيتىشىچە يېڭى توي قىلغاندا ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى خېلىلا نورمال بولۇپ ، تۇنجى تۇغۇتىدىن كېيىنلا ئېغىر بۇرۇقتۇملۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ، توختىماي بىر نەرسە يېيىش ئارقىلىقلا كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرىدىغان بولۇپ قالغان .

 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!