ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئەنگىلىيە ئادەمسىز كۆرۈنمەس كۆرەشچى ئايروپىلان ياساپ چىقتى

2010-يىلى07-ئاينىڭ14-كۈنىمەنبە:جۇڭگو خەۋەرلەر تورى تەھرىر: ئادىل چېكىلىشى:قىتىم
ئەنگىلىيە يېڭىدىن تەتقىق قىلىپ ياسىغان يۇقىرى تېخنىكىلىق ئادەمسىز كۆرۈنمەس ئۇرۇش ئايروپىلانى 12-ئىيۇل بېرمىنھامدا كۆرگەزمە قىلىندى . بۇ ئايروپىلاننىڭ ئىسمى Taranis بولۇپ ، قەدىمكى رىۋايەتلەردىكى چاقماق مۇئەككىلى دىن نەقىل ئېلىنغان . مەزكۇر ئايروپىلان رادا
  

ئەنگىلىيە يېڭىدىن تەتقىق قىلىپ ياسىغان يۇقىرى تېخنىكىلىق ئادەمسىز كۆرۈنمەس ئۇرۇش ئايروپىلانى 12-ئىيۇل بېرمىنھامدا كۆرگەزمە قىلىندى . بۇ ئايروپىلاننىڭ  ئىسمى  Taranis  بولۇپ ، قەدىمكى رىۋايەتلەردىكى <چاقماق مۇئەككىلى> دىن نەقىل ئېلىنغان . مەزكۇر ئايروپىلان راداردىن نىقابلىنىش ، ئاپتوماتىك قوغدىنىش ۋە كۆپ خىل نىشانغا بىرلا ۋاقىتتا زەربە بېرىش قاتارلىق ئالاھىدە ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە . ئۇندىن باشقا يەنە يەر يۈزىدىن تىزگىنلەش بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا سۈنئىي ھەمرادىن سىگنال قوبۇل قىلىپ دۈشمەن ئايروپىلانىغا ئاپتوماتىك ھۇجۇم قىلالايدۇ ھەمدە قىتئە ئاتلاپ يەر يۈزىدىكى نىشانلارغا زەربە بېرەلەيدۇ .

بۇ ئايروپىلاننى ئەنگىلىيە  BAE  سېستىما شىركىتى ،  Qinetiq شىركىتى ، Rolls-Royce شىركىتى ۋە  GE Aviation  تەتقىقات ئورنى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىشىپ 4 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ تەتقىق قىلىپ چىققان بولۇپ ، ياسىلىش تەننەرخى 143 مىليون فوندتىن ئېشىپ كەتكەن . 2011-يىلى رەسمىي سىناپ ئۇچۇرۇش مۆلچەرلەنمەكتە .

 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!