كىلىنتون قىزىنىڭ تويىغا ئوبامانى چاقىرماپتۇ
2009-يىلى9-ئاينىڭ 25-كۈنى، چېلسى ئوغۇل دوستى مىزۋىنىسكىي بىلەن بىللە
ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى بىئېر.كىلىنتون بىلەن نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرىۋاتقان ئالىي مەنسەپدارى ھىلارىنىڭ قىزى چېلسىنىڭ تويى بۈگۈن يەنى 31-ئىيۇل ئۆتكۈزىلىدۇ.
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 29-ئىيۇل، ئۆزىنىڭ كىلونتوننىڭ قىزىنىڭ توي باغىقىنى تاپشۇرۋالمىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇنداقلا «تويدا بىرلا زۇڭتۇڭ بولسا يېتەرلىك، بەلكىم كىلونتون نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرى ماڭا چۈشۈپ، قىزىنىڭ تويدا ئاساسلىق پېرسوناژ بولىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويۇشىمدىن ئەنسىرىگەن بولسا كېرەك. مەن بۇ نى توغرا چۈشىنىمەن، چۈنكى كىلونتوننىڭ ئورنىدا مەن بولغان بولسام مەنمۇ شۇنداق قىلغان بولاتتىم» دېگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى توي بولىدىغان مۇراسىمە رايونىنى قاتتىق مۇھاپىزەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەنبە:شىنخۇا تورى 2010-يىلى31-ئىيۇل