ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئەنگلىيەنىڭ كەلگۈسىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزى ھەشەمەتلىك ھۇجرىغا ئوخشايدىكەن

2010-يىلى07-ئاينىڭ25-كۈنىمەنبە: تەھرىر: يۇسۇپ چېكىلىشى:قىتىم
  

"ئىناقلىق" ناملىق يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز

 

"كۈندىلىك پوچتا گېزىتى" نىڭ 7-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇنيادىكى داڭلىق پويىز لايىھىلىگۈچى ئەنگلىيىلىك پاۋلو.پۇلىستمەن يېقىندا ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى تىپتىكى ئۇقۇم  پويىز لايىھەسى "ئىناقلىق" كىشىنى تولىمۇ جەلپ قىلىدۇ.

 

مۇتەخەسىسلەر، كەلگۈسى 15 يىل ئىچىدە، ئىلغار تېخنىكا، كۈچلۈك تەسىرچانلىققا ئىگە ھەمدە كەلگۈسىدە مودا بولىدىغان "ئىناقلىق" ناملىق پويىز ئەنگلىيە تۆمۈر يول لىنيەلىرىدە قاتنايدۇ، دېدى.

 

پويىزنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ لايىھەلىنىشىنىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ يولوچىلار بۆلمىسى دېگەندىن كۆرە، يۆتكىلىشچان ھەشەمەتلىك ھۇجرا دېگەن تۈزۈك. بۆلىمىگە راھەت كرىسلو، ئورۇندۇق، يۇمشاق پەردىلەر، تېلىۋىزور ئېكرانى، پۈتۈن مەنزىرىلىك دېرىزە ئەينىكى، قاتلىما ۋەلسىپىت قويۇشقا بولىدىغان ئىشكاپ، ھاراق پۇكىيى قاتارلىقلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئەڭ تېز سۈرئىتى 255 ئىنگلىز لى ئىكەن.

 

ئىچكى قىسىمنىڭ لايھەلىنىشىدە ئەنئەنىۋى پويىز بۆلمىسى ئاساسىدا، نۇرغۇن مودا، جانلىق، ئېچىۋىتىلگەن لايىھە شەكىللىرى قوللىنىلغان ھەمدە كىنو، مۇزىكا ۋە ئويۇن قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش سىستېمىلىرى سەپلەنگەن. بۇندىن باشقا، يەنە شەخسىي ئائىلە بۆلمىسى سەپلەنگەن بولۇپ، يولوچىلارنىڭ ئائىلە يىغىلىشى، سودا يىغىلىشى قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزىشىگە بولىدۇ، يەنە مەخسۇس بالىلار ئۈچۈن ئويۇنچۇق بۆلمىسى لايىھەلەنگەن.

 


 


 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!