ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

IPOئومۇمىي سوممىسى7–ئايدا دۇنيا مىقياسىدا ئىككىلەمچى رەنىلىك قەرز كىرىزىسى يۈز بېرىشتىن بۇرۇنقى سەۋىيەگە قايتتى

2010-يىلى08-ئاينىڭ05-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: قەيسەر چېكىلىشى:قىتىم
    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نيۇ – يورك، 2 – ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. توۋنسېند – رېيتىر 2 – ئاۋغۇست ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 7 – ئايدا تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىنغان دۇنيا بويىچە IPO(جۇغلىما پاي) ئومۇمىي سوممىسى 30 مىليارد 500 مىليون دوللار
  

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نيۇ – يورك، 2 – ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. توۋنسېند – رېيتىر 2 – ئاۋغۇست ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 7 – ئايدا تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىنغان دۇنيا بويىچە IPO(جۇغلىما پاي) ئومۇمىي سوممىسى 30 مىليارد 500 مىليون دوللارغا يېتىپ، 2007 – يىلى 11 – ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتقان.

    بۇنىڭدىن سىرت، 7 – ئايدا دۇنيا بويىچە كۆپەيتىپ تارقىتىلغان پاي چېكى ئومۇمىي سوممىسى 30 مىليارد 400 مىليون دوللارغا يەتكەن. بۇ، 2009 – يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىنغان تاق ئايلىق IPO سوممىسىنىڭ كۆپەيتىپ تارقىتىلغان پاي چېكى سوممىسىدىن تۇنجى قېتىم ئېشىشى ھېسابلىنىدۇ. ئىككىلەمچى رەنىلىك قەرز كىرىزىسى پارتلىغاندىن كېيىن، يېڭى پاينىڭ تارقىتىلىشى ئازلاپ، نۇرغۇن بانكا نازارەتچىلەرنىڭ كاپىتالغا قويغان تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بەس – بەستە يېڭى پاي چېكى تارقاتقاچقا، كۆپەيتىپ تارقىتىلغان پاي چېكىنىڭ سوممىسى يېڭى پاي چېكىنىڭ تارقىتىلىش سوممىسىدىن ئېشىپ كەتتى.

    7 – ئايدا دۇنيا بويىچە پاي چېكى تارقىتىش خىراجىتى 3 مىليارد 700 مىليون دوللارغا يەتتى، ھالبۇكى بۇلتۇر ئالدىنقى يەتتە ئايدا پاي چېكى تارقىتىش خىراجىتى ئاران 706 مىليون دوللار بولغانىدى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!