ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

مەملىكەتلىك ئاخبارات–نەشرىيات سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى

2010-يىلى08-ئاينىڭ05-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: قەيسەر چېكىلىشى:قىتىم
  يىغىن مەيدانىدىن بىر كۆرۈنۈش     جاڭ خەيفېڭ خەۋىرى : مەملىكەتلىك ئاخبارات – نەشرىيات سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى 2 – ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاخبارات – نەشرىيات باش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن
  
 
يىغىن مەيدانىدىن بىر كۆرۈنۈش

    جاڭ خەيفېڭ خەۋىرى : مەملىكەتلىك ئاخبارات – نەشرىيات سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى 2 – ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاخبارات – نەشرىيات باش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى جياڭ جيەنگو، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى يى قاتارلىق رەھبەرلەر يىغىنغا قاتناشتى.

    ئاخبارات – نەشرىيات سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشى 2007 – يىل 1 – يانۋاردىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، دۆلەتنىڭ شىنجاڭنىڭ ئاخبارات – نەشرىيات كەسپىگە ياردەم بېرىشتىكى سېلىنمىسى ئەڭ كۆپ بولغان جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدىكى خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ. ئاخبارات – نەشرىيات كەسپىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە چېتىلىدىغان، شىنجاڭنىڭ يېزا – قىشلاقلىرىنى تولۇق قاپلايدىغان بۇ قۇرۇلۇشنىڭ 1 – قارارلىق قۇرۇلۇشىغا سېلىنىدىغان ئومۇمىي مەبلەغ 380 مىليون 90 مىڭ يۇەن. ھازىرغا قەدەر، ئاخبارات – نەشرىيات سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشىنىڭ 1 – قارارلىق مەخسۇس تۈر مەبلىغىنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيلىشىپ بولدى، جەمئىي 325 مىليون 120 مىڭ يۇەن مەبلەغ ئىشلىتىلدى.

    جياڭ جيەنگو مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى ئاخبارات – نەشرىيات تارماقلىرى ئاخبارات – نەشرىيات سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى مۇھىم كۈچ سۈپىتىدە ياردەم بېرىلىدىغان رايونلاردىكى ھەر مىللەت ئامما ۋە ئاخبارات – نەشرىيات سىستېمىسىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق نەشر بۇيۇملىرىنى ھەقسىز بېرىش، دېھقان (چارۋىچى)لار ئائىلە كۇتۇپخانىسى قۇرۇش قاتارلىق ئاخبارات – نەشرىيات جامائەت مۇلازىمىتى تۈرلىرىنى قوللىشى كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ۋە ۋەزىپە بىلەن ئەۋەتىپ تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، نەشرىيات، تارقىتىش كەسپىدە ھەمكارلىشىش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى قوللاش قاتارلىقلار ئارقىلىق ياردەم بېرىلىدىغان رايونلاردىكى ئاخبارات – نەشرىيات كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك؛ خىراجەت، ئۈسكۈنە، خادىم، ئەقلىي كۈچ جەھەتتە قوللاش، مەبلەغ سېلىش، ھەمكارلىشىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، ياردەم بېرىش ۋەزىپىسى ۋە تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك؛ ياردەم بېرىش تۈرلىرىگە ئاساسەن، ياردەم بېرىلىدىغان ئورۇنلار بىلەن مۇقىم ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشى كېرەك.

يىغىندا جياڭ جيەنگو مۇھىم سۆز قىلدى

لى يى يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى

    لى يى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاخبارات – نەشرىيات سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشىدىن پايدىلىنىپ، نەشر بۇيۇملىرىنى ھەقسىز بېرىشنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، مىقدارىنى كۆپەيتىپ، دېھقان (چارۋىچى)لار ئائىلە كۈتۈپخانىسى قۇرۇش، باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىشنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاخبارات – نەشرىيات كەسپىنىڭ جامائەت مۇلازىمىتى ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ گېزىت كۆرۈشى، كىتاب ئوقۇشى ۋە سېتىۋېلىشى تەس بولۇش مەسىلىسىنى تەدرىجىي ھەل قىلىشىمىز كېرەك؛ سەرخىل ئەسەر ئىستراتېگىيەسىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيەت بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، كۈچلۈك دەۋر روھىغا ۋە قويۇق يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بىر تۈركۈم سەرخىل نەشر بۇيۇملىرىنى ئىنچىكە پىلانلاپ ۋە ئىجاد قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۆپ قاتلاملىق، كۆپ تەرەپلىك، كۆپ خىل مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇشىمىز كېرەك؛ نەشر بۇيۇملىرى بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرى ھەم مەدەنىيەت ئەخلەتلىرىنىڭ تارقىلىش يولى جەھەتتىكى بوشلۇقنى ئەڭ زور دەرىجىدە قىسىپ، ساغلام، تەرتىپلىك بولغان نەشر بۇيۇملىرى بازىرى مۇھىتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!