ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

كورلىدا ئۇنۋېرسال جىددىي قۇتقۇزۇش مانىۋېرى ئۆتكۈزۈلدى

2010-يىلى06-ئاينىڭ20-كۈنىمەنبە:شىنخۇا تورى تەھرىر: ئادىل چېكىلىشى:قىتىم
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇنۋېرسال جىددىي قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى ۋە تۇنجى قېتىملىق ئۇنۋېرسال قۇتقۇزۇش مانىۋېرى 18-ئىيۇن بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئابلاستىنىڭ كورلا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى . يەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ، ئالاقىلىشىش ، مۇھىت ئاسراش
  

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇنۋېرسال جىددىي قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى ۋە تۇنجى قېتىملىق ئۇنۋېرسال قۇتقۇزۇش مانىۋېرى 18-ئىيۇن بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئابلاستىنىڭ كورلا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى . يەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ، ئالاقىلىشىش ، مۇھىت ئاسراش ، سەھىيە ۋە قاتناش ساقچى قاتارلىق تارماقلار بىرلىشىپ <ئېگىز ئىمارەتلەردە ئوت ئۆچۈرۈش> ، <تەقلىدىي يەر تەۋرەشتىن قۇتقۇزۇش> ، <قاتناش ھادىسىسىنى جىددىي قۇتقۇزۇش> ۋە <خىمىيىلىك بۇلغىنىشنى تىزگىنلەش> قاتارلىق تۈرلەردە بىرلەشمە مانىۋېر ئېلىپ باردى .

نۆۋەتتە پۈتكۈل ئاپتونوم رايون تەۋەسىدىكى 15 ۋىلايەت-ئوبلاست ، 18 شەھەر-ناھىيىدە ئۇنۋېرسال جىددىي قۇتقۇزۇش ئالاھىدە ئەترىتى قۇرۇلغان بولۇپ ، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى .

 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!