4-ئاينىڭ 25-كۈنى ئىران ئىنقىلابىي قوغدىنىش ئارمىيىسى پارس قولتۇقى دېڭىز رايونىدا بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېر ئېلىپ باردى . مانىۋېر جەريانىدا ئىران ئارمىيىسى ئۆزى مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان بالېستلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن بەشنى سىناپ قويۇپ بەردى ھەمدە بەلگىلەنگەن نىشاننى مۇۋەپپەقىيەتلىك پاچاقلاپ تاشلىدى . ئىران ئىنقلابىي قوغدىنىش ئارمىيىسى بۇ قېتىم پارس قولتۇقى ۋە ھورمۇس بوغۇزى ئەتراپىدا ئۇدا 3 كۈن ھەربىي مانىۋېر ئېلىپ باردى .
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!