9-ئىيۇن دۇنيا لوڭقىسىنى خەۋەر قىلىش ئۈچۈن كەلگەن بىر نەچچە نەپەر پورتۇگالىيىلىك مۇخبىر جەنۇبىي ئافرىقا پايتەختى يوھاننىسبۇرگ شەھەر ئەتراپىدىكى بىر مېھمانخانىدا بۇلاڭچىلىققا ئۇچراپ ، نەق پۇل ۋە ئاپپارات قاتارلىق بىر قىسىم بويۇملىرى بۇلاپ كېتىلگەن . بۇلاڭچىلىق جەريانىدا ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن بولۇپ ، ساقچى تەرەپ ھازىرغىچە بۇلاڭچىلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلالمىغان .
خەۋەر قىلىنىشىچە يېقىنقى 6 كۈن ئىچىدە جەنۇبىي ئافرىقىدا جەمئىي 6 قېتىم چەتئەللىك مۇخبىرلارنى بۇلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن . ئىسپانىيە ، پورتۇگالىيە ۋە جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دۇنيا لوڭقىسى ئاخبارات ئۆمىكىدىكىلەر بىر نەچچە قېتىم بۇلاڭچىلىققا ئۇچراپ ، نەق پۇل ۋە ئاخبارات ئەسلىھەلىرى بۇلاپ كېتىلگەن . نۆۋەتتە دۇنيا لوڭقىسى ئۆتكۈزۈلىدىغان شەھەرلەرنىڭ ئامانلىق مەسىلىسى يەنىلا ساھىبخان تەرەپنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان قىيىن مەسىلە بولۇپ كەلمەكتە .