
گىرېتسىيەدە ترانسپورت خادىملىرىنىڭ ئالتە كۈندىن بېرى ئىش تاشلىشى سەۋەبىدىن يېقىلغۇ قىيىنچىلىقى كېلىپ چىققانلىقىغا قارىتا گىرېتسىيە ئارمىيەسى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتتى
باش مىنىستىر پاپاندېرو قارارنامە ئېلان قىلىپ، ئىشقا چۈشمىگەن ترانسپورت خادىملىرىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشى ياكى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنىڭ مۇسادىرە قىلىنىشىغا يوليورۇق بەردى.
گىرېتسىيە ئىش تاشلاش دولقۇنى سەۋەبىدىن ساياھەتچىلىكىمۇ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى. كۆپلىگەن ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ ساياھەتكە ئالدىن تەشكىللەش پائالىيەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقى،بەزى ساياھاتچىلەرنىڭ قىسقا مۇددەت ساياھەت قىلىپ قايتىپ كېتىشكەنلىكىرى بىلدۈرۈلدى.
گىرېتسىيەدە ترانسپورت خادىملىرى ھۆكۈمەتنىڭ خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى İMF نىڭ قۇتقۇزۇش پىلانى دائىرىسىدە ئورۇن ئالغان ترانسپورت ساھەسىنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇشقا دائىر پىلانىغا قارشى چىقماقتا.
پىلاندا يۈك ماشىنا شوپۇرلىرىنىڭ كىنىشكا دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلىتىلىشى، بۇ دائىرىدە يېڭى ترانسپورت خادىملىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا يول ئېچىپ بېرىش مەقسەت قىلىنغان ئىدى.