ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

چىلىدىكى كان ئاستىدا قاپسىلىپ قالغان ئىشچىنىڭ ئايالى يەڭگىدى

2010-يىلى09-ئاينىڭ17-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: قەيسەر چېكىلىشى:قىتىم
    شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ تېلېگراممىسىغا قارىغاندا ، چىلىدىكى سان خوسې مىس كېنى ئاستىغا قاپسىلىپ قالغان ئىشچىلارنىڭ كان ئاستىدا تۇرۇۋاتقىنىغا بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت بولدى . ئەنگىلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ 14–سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، كان ئىشچىسى دېكىن
  

    شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ تېلېگراممىسىغا قارىغاندا ، چىلىدىكى سان خوسې مىس كېنى ئاستىغا قاپسىلىپ قالغان ئىشچىلارنىڭ كان ئاستىدا تۇرۇۋاتقىنىغا بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت بولدى . ئەنگىلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ 14–سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، كان ئىشچىسى دېكىنانىڭ ئايالى ساگىۋىيا تۇغۇت ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىن بىر قىز بوۋاق تۇغقان . دېكىنا بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ناھايىتى خۇشال بولغان . ئىگىلىنىشىچە ، ئۇلارنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىكەن .

    دىكىنانىڭ دادىسى ئەنگىلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ مۇخبىرىغا ، كىچىك نەۋرەمنىڭ ئېغىرلىقى ئۈچ كىلوگېرام ئەتراپىدا بولۇپ ھەممە ئىشلار ناھايىتى نورمال ، بىز ھازىر ئوغلۇمنىڭ تېزراق يەر يۈزىگە قايتىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتىمىز ، دېگەن .

    سان خوسېدا 5 ــ ئاۋغۇست كان گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ ، قۇتقۇزغۇچى خادىملار 22 ــ ئاۋغۇست 33 نەپەر قاپسىلىپ قالغان كان ئىشچىسىنىڭ ئورنىنى بېكىتىپ ، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئېلىپ بارغان . فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ئاينىڭ بېشىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئەڭ ئوبېيكتىپ پىلانغا ئاساسلانغاندا ، دېكىنا مۇددەتتىن بىر ئاي بۇرۇن ئائىلىدىكىلىرى بىلەن جەم بولالايدىكەن .

( مۇھەررىر : نىجات )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!