
شىنخۇا تورى سانتىياگو 16ــئاۋغۇست تېلېگراممىسى : 5–ئاۋغۇست ، چىلىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى بىر مىس كان گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ ، قۇدۇق ئاستىغا قاپسىلىپ قالغان 33 كان ئىشچىسىنى قۇتقۇزۇش خىزمىتى 11 كۈن ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن ، بۇ خىزمەت يەنە توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان . 16–ئاۋغۇست ، قۇتقۇزغۇچى خادىملار قېزىش جەريانىدا يەر يۈزىدىن 700 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا ئېغىرلىقى تەخمىنەن 700 مىڭ توننا كېلىدىغان تاغ جىنسىغا تاقىشىپ قالغانلىقىنى ، بۇ سەۋەبلىك يوقاپ كەتكەنلەرنى ئىزدەش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن .
5–ئاۋغۇست ، چىلىنىڭ شىمالىدىكى قۇملۇقتا مىس كان گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ ، كان ئاستىدىكى 33 نەپەر كان ئىشچىسى قۇدۇق ئاستىدا قاپسىلىپ قالغان . نۆۋەتتە ، ئۇلارنىڭ ئۆلۈك–تىرىكلىكى تېخى نامەلۇم بولۇپ ، مۇتەخەسىسسلەر ئۇلارنى قۇدۇق ئاستىدىكى 700 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى جايغا چۈشۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىشقان .
قېزىش خىزمىتىگە مەسئۇل تېخنىكلار گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى بايقالغان بۇ غايەت زور تاغ جىنىسىنىڭ قېزىش خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى ، ئەگەردە داۋاملىق قېزىلسا ، كاننىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى مۇمكىن ، دېدى .
