
شىنخۇا تورى ئىسلامئاباد 16–ئاۋغۇست تېلېگراممىسى : پاكىستان سەھىيە ئەمەلدارى 16–ئاۋغۇست پاكىستاننىڭ قىسمەن ئاپەت يۈز بەرگەن رايونلىرىدا يۇقۇملۇق كېسەل تارقالغانلىقىنى ، نۆۋەتتە ، ئاز دېگەندىمۇ 39 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى ، نەچچە ئون مىڭ ئادەمنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى ئېيتتى .
يەرلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، دېرا ئىسمائىلخان بازىرىدا ، 16–ئاۋغۇست 15 ئادەم ئىچى سۈرۈش سەۋەبلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان . جەنۇبتىكى سىندى ئۆلكىسى ھەمدە شەرقتىكى پەنجاب ئۆلكىسىدىمۇ ئاز دېگەندە 24 ئادەم ئىچى سۈرۈش سەۋەبلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان .
ئاپەت ئېغىر بولغان نوشېرا ۋە چارىسىدا رايونىدا ، ھايۋانلارنىڭ چىرىپ كەتكەن جەسەتلىرى سۇ مەنبەسىنى بۇلغىغان بولۇپ ، پاكىستان سەھىيە مىنىستىرلىقى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا مەلۇمات يوللىغان ھەمدە بۇ رايونلاردا جىددىي قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىشقا تەييارلانغان .
ئالدىنقى ھەپتە ب د ت نىڭ ئەمەلدارى پاكىستاندىكى ئاپەت رايونىدا ئاز دېگەندە بىر خولىرا كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارنى تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان . 16–ئاۋغۇست ، پاكىستان سەھىيە ئەمەلدارى : ئالاقىدار تارماقلار ھازىر نۇرغۇنلىغان جىددىي خاراكتېرلىك ئىچى سۈرۈش كېسىلى بىمارلىرىنى داۋالاۋاتىدۇ ، نۆۋەتتە ، ئاپەت رايونىدا ئاز دېگەندىمۇ 36 مىڭ ئادەم جىددىي خاراكتېرلىك ئىچى سۈرۈش كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان ، بۇ خولىرا كېسەللىكىنىڭ بىر خىل ئالامىتى ، بىراق 30 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى خولىرا كېسلى بىلەن يۇقۇملاندى دەپ مۇقىملاشتۇرغىلى بولمايدۇ ، دېدى .
پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ 16–ئاۋغۇست ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسۈتۈلۈشىچە ، بۇ قېتىملىق كەلكۈن ئاپىتىدە پاكىستاندا 1243 ئادەم قازا قىلغان بولۇپ ، 200 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان . ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىمون 15– ئاۋغۇست پاكىستانغا يېتىپ بېرىپ ، ئاپەت رايونىنى كۆزدىن كەچۈرگەن ، ھەمدە ب د ت نىڭ 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق قۇتقۇزۇش ياردىمىنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان . بۇنىڭ بىلەن ب د ت نىڭ پاكىستاندىكى ئاپەت رايونىغا ياردەم قىلغان سوممىسى 27 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن . بۇنىڭدىن باشقا ب د ت خەلقئارا جەمئىيەتنى پاكىستاننى 460 مىليون ئامېرىكا دوللىرى جىددىي ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغى ياردەم بىلەن تەمىنلەشكە سەپەرۋەر قىلغان بولۇپ ، نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەت تەمىنلىگەن قۇتقۇزۇش مەبلىغى بۇ نىشاندىن %20 ئېشىپ كەتكەن .






