شىنخۇا تورى بومباي 10–ئاۋغۇست تېلېگراممىسى : ھىندىستان سىملىق رادىيو–تېلېۋىزىيە تورىنىڭ 10–ئاۋغۇست كەچ خەۋەر قىلىشىچە ، 10–ئاۋغۇست كەچكىچە ، ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىر رايونىنىڭ لەھ شەھىرىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلار 166 گە يەتكەن بولۇپ ، قازا قىلغانلار ئىچىدىكى 23 ئادەم چەت ئەللىك ئىكەن .
خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە ، لەھ شەھىرىدىكى قۇتقۇزۇش خادىملىرى شۇ كۈنى لەھ شەھىرىنىڭ ئاپەت رايونىدىكى ئاختۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ، لەھ شەھىرى ۋە 12 قوشنا كەنتتىكى لاتقا ۋە خارابىلىك ئىچىدىن يوقاپ كەتكەن 400 ئادەمنى تاپقان بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 28 ى ئەسكەر ئىكەن . بۇنىڭدىن باشقا ، ھىندىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىمۇ تىك ئۇچار ئاجرىتىپ ، يارىدارلارنى يۆتكىگەن .
باشقا بىر خەۋەرلەردە ئېيتىلىشچە ، بۇ قېتىمقى كەلكۈندە قازا قىلغان 166 ئادەمنىڭ ئىچىدە پەقەت بەشى چەت ئەللىك بولۇپ ، تەخمىنەن 200 ئادەم يوقاپ كەتكەن ، 150 دىن ئارتۇق قاپسىلىپ قالغان چەت ئەللىك ساياھەتچى بىخەتەر جايغا يۆتكەلگەن .

مۇشۇ ئاينىڭ 5–كۈنى كېچە ، ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىرنىڭ لەھ شەھىرى تۇيۇقسىز ياغقان قارا يامغۇرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ ، 6–ئاۋغۇست سەھەردە ، كېچە ياغقان قارا يامغۇر كەلكۈن ۋە لاتقا–شېغىللىق ئېقىننى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، لەھ شەھىرىدىكى نۇرغۇنلىغان قۇرۇلۇشلارنى بۇزۇۋەتكەن .
لەھ شەھىرى ھىندىستان كونتروللىقىدىكى كەشمىر رايونىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى تەخمىنەن 3500 مېتىر كېلىدۇ ، لەھ شەھىرى ئاساسلىق شەھەر رايونى ۋە ئەتراپتىكى كەنتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ ، تەخمىنەن 110 مىڭ نوپۇسى بار . لەھ شەھىرىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل بولۇپ ، ھەر يىلى نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىلەر بۇ يەرگە ساياھەتكە كېلىدۇ .