ئۇدا نەچچە كۈن توختىماي ياغقان قارا يامغۇرنىڭ تەسىرىدە 14-ئىيۇل جياڭشى ئۆلكىسى جيۇجياڭ شەھىرى مېيشى سۇ ئامبىرىدا سۇ يۈرى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ توغان يۈزىدىن بىر مېتردىن ئارتۇق ھالقىپ كەتتى ھەمدە تاقاقنى يار ئېلىپ كېتىپ ، تۆۋەنكى ئېقىندىكى بىر نەچچە كەنت ۋە نەچچە مىڭ مو ئېتىزنى كەلكۈن بېسىپ كەتتى . خەتەر يۈز بەرگەندىن كېيىن شۇ جايدىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش تارماقلىرى ۋە ھەربىي قىسىملار تېز سۈرئەتتە تەشكىلىنىپ توغان ئالدىدا تام تورام سۇنى توسۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە تاش-سىمونتلارنى يۆتكەش ئارقىلىق توغاننى پۇختىلاپ خەتەرنىڭ چوڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى . نۆۋەتتە سۇ ئامبىرى ئاساسىي جەھەتتىن پۇختىلىنىپ سۇ يۈزى مۇقىملاشقان بولۇپ ، توغان يۈزىنى كۆتۈرۈپ پۇختىلاش خىزمىتى داۋاملىق جىددىي ئىشلەنمەكتە .