مۇخبىرنىڭ 11–ئاۋغۇست شىنجاڭ قەشقەر تاشيول باش ئۇچاستىكىسىدىن ئىگىلىشىچە ، ئۇدا بىر نەچچە كۈن داۋاملاشقان يۇقىرى تېمېپراتۇرىلىق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىدە ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلاردا قارلار كۆپلەپ ئېرىپ ، تاغ كەلكۈنى كېلىپ ، دۆلەت يولى 314–لىنىيەسى(جۇڭگو–پاكىستان تاشيولى) K1562–K1643 يول بۆلىكىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىنى بۇزۇپ ، ئۈچ كۆۋرۈكنى ئۆرۈۋەتكەن ، شۇنىڭ بىلەن بۇ رايونلاردا قاتناۋاتقان 100 دىن ئارتۇق چوڭ–كىچىك ئاپتوموبىلدىكى 400 دىن ئارتۇق يولۇچى قاپسىلىپ قالغان .
ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن ، قەشقەر تاشيول باش ئۇچاستىكىسى دەرھال خەتەردىن قۇتقۇزۇپ قاتناشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ ، خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئەترىتى تەشكىللەپ ، قاچىلاش ماشىنىسى ، قېزىش ماشىنىسى ، توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى ماشىنىلارنى ئىشقا سېلىپ خەتەردىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئاتلاندى . ئاپتوموبىللار ۋە ئادەملەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، قۇتقۇزۇش خادىملىرى قاپسىلىپ قالغان ئاپتوموبىل ۋە يولۇچىلارنى بىخەتەر جايغا تارقاقلاشتۇرۇپ ، كۈتۈلمىگەن خەتەر يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئالدى .
سەككىز سائەتكە يېقىن جاپالىق كۈرەش قىلىش نەتىجىسىدە ، قۇتقۇزۇش خادىملىرى تاغ باغرىدىن يان يول ئېچىپ ، قاپسىلىپ قالغان ئاپتوموبىللارنى ئۆتكۈزدى . قەشقەر تاشيول باش ئۇچاستىكىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، باش ئۇچاستىكا باشلىقى خې پىڭ مۇنداق دېدى : قار ئېرىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان تاغ كەلكۈنى قەشقەر تاشيول باش ئۇچاستىكىسىغا تەۋە تاشيول بۆلىكىنىڭ 17 يېرىنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتتى . ئەگەر بىر نەچچە كۈندە ھۆل–يېغىنلىق ھاۋا رايى كۆرۈلمىسە ، 6~7 كۈندە جۇڭگو–پاكىستان تاشيولىنى راۋانلاشتۇرغىلى بولىدى .
نۆۋەتتە ، ھېچقانداق ئۆلۈش ، يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن بولۇپ ، قۇتقۇزۇش خادىملىرى جىددىي ئىشلەۋېتىپتۇ .