ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز تۇرغان ئۆمەر ، ئەخمەت ئابدۇللالار خەۋىرى ، فوتوسى: تەبىئەت ئۆز گۈزەللىكىنى ئايانماي ئاتا قىلغان سايرام كۆلى شىنجاڭدىكى مەنزىرىلىك ساياھەت رايونلىرىنىڭ گۈل تاجى بولۇپ ، ھەر يىلى مەملىكەت ئىچى– سىرتىدىن نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش ھارغىنلىقلىرىدىن چارچىغان مېڭىلىرىگە ئۆزگىچە گۈزەل مەنزىرىسى ، ساپ ھاۋاسى ، كۆز يەتكۈسىز يېشىل دۇنياسى ، خۇش ھىد تارقىتىپ تۇرغان گۈل–چېچەكلىرى بىلەن ئارامبەخش ، ھۇزۇر بېېغىشلايدۇ . ئەپسۇس ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، بۇ خاسىيەتلىك كۆل بويىغا كېلىپ ساياھەت قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئۆزلۈكسىز كۆپىيىشى بىلەن ، بۇ گۈزەل زېمىندا پايدا قوغلىشىپ ، كۆل بويىغا قالايمىقان كىگىز ئۆي تىكىپ ، ئاشخانا ئېچىپ مېھمان كۈتىدىغان ئەھۋاللار ئېغىرلىشىشقا باشلىدى . بىز1–ئاۋغۇست سايرام كۆلىگە چىققاندا كۆل بويىدا ساياھەتچىلەرنىڭ ئىلگىرىكىدىن كۆپەيگەنلىكىنى ، شۇنىڭغا ئەگىشىپ ، كىشىلەر ئېلىپ كەلگەن ‹‹ساياھەت ئەخلەتلىرى›› نىڭ كۈنسىرى كۆپىيىپ ، بۇ يەرنىڭ تەبىئىي مۇھىتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغاۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ چوڭقۇر خىيالغا چۆمدۈق . بۇندىن بىر ئاي ئىلگىرى بىز بۇ كۆل بويىغا كېلىپ باھار پەيزىگە چۆمگەن ، ياپيېشىل ئوت–چۆپلەر ئارىسىدا ئېچىلىپ كەتكەن تاغ لەيلىسى قاتارلىق تۈمەن خىل گۈللەرنىڭ كۆلدىن كېلىۋاتقان مەيىن شامالنىڭ يەلپۈشى بىلەن ئەتراپقا چېچىۋاتقان خۇس ھىدلىرىدىن بىر يىللىق خىزمەت ھاردۇقىنى ئۇنتىغان ھالدا قوللىرىمىزغا فوتو ئاپپاراتلىرىمىزنى ئېلىپ ، بۇ كەم ئۇچرايدىغان گۈزەل مەنزىرىنى سۈرەتكە تارتىپ ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان ئىدۇق. ئەمما ، ئارىدىن بىر ئاي ئۆتمەيلا بۇ گۈزەللىكنىڭ ئورنىنى ساياھەت ئەخلەتلىرىنىڭ قاپلاپ كەتكەنلىكىنى ، كىشىلەرگە ھۇزۇر ئاتا قىلىۋاتقان بۇ سېخىي تەبىئەت ئانا قوينىنىڭ ئەكسىچە شۇ كىشىلەر تەرىپىدىن بۇلغىنىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا مۇھىت ئاسىراش تەشۋىقات تاختىلىرىنىڭ ئەتراپىمۇ ئەخلەت دۆۋىسىگە ئايلانغانلىقىنى كۆرۈپ كۆڭلىمىز بۇزۇلدى ، كۆل بويىنىڭ مۇھىتىنى قوغداۋاتقانلار نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتقاندۇ دېگەن خىيالغا كەلمەيمۇ قالمىدۇق . بۇ گۈزەل تىلسىز زېمىن نالە قىلماقتا ، ئۇنىڭ نالىسى ئەخلەت توشۇپ كەتكەن يەرلەردىكى قۇرۇۋاتقان ئوت–چۆپلەردىن ، قىسمەن جايلاردىكى خۇش ھىد ئورنىغا ئالمىشىۋاتقان بەدبۇي پۇراقلاردىن ئەكس ئەتمەكتە . شىنجاڭدا پەقەت بىرلا سايرام بار ، بىز ئۈچۈن قوينىنى كەڭ ئاچقان بۇ تەبىئەت ئانىمىزنىڭ ‹‹ھۆرمىتىنى قىلىش›› ، ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى ساقلاش ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا ئۆزىمىز ئۈچۈن ، ئەلۋەتتە.
سۈرەتلەردە: ئېكولوگىيەسى بۇلغىنىۋاتقان سايرام كۆل بويى :





