ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

ۋېن جياباۋ گەنسۇنىڭ جۇچۈ ئاپەت رايونىدىكى خەتەر ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە داۋاملىق رەھبەرلىك قىلدى

2010-يىلى08-ئاينىڭ11-كۈنىمەنبە:uyghur.people.com.cn تەھرىر: قەيسەر چېكىلىشى:قىتىم
ۋېن جياباۋ جۇچۈ ئاپەت رايونىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئايرىلغان ئاممىغا تەسەللىي بەردى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى) شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 9-ئاۋغۇست گەنسۇ جۇچۈدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى
  

ۋېن جياباۋ جۇچۈ ئاپەت رايونىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئايرىلغان ئاممىغا تەسەللىي بەردى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 9-ئاۋغۇست گەنسۇ جۇچۈدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى ، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ گەنسۇنىڭ جۇچۈ ئاپەت رايونىدا ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى داۋاملىق كۆزدىن كەچۈرۈپ، خەتەردىن قۇتقۇزۇش قىسىمىدىن ھال سورىدى ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەتەردىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىدە جاننى قۇتقۇزۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ھايات قالغانلارنى ئىزدەش دائىرسىنى كېڭەيتىپ، خەتەر ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى تەرتىپلىك، ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.

  9-ئاۋغۇست سەھەر سائەت ئىككىدە يىغىن ئاخىرلاشتى، نەچچە سائەتلىك ئارامدىن كېيىن، زۇڭلى ۋېن جياباۋ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى،گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، دۆلەتلىك كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق شىتابىنىڭ قوماندانى خۇي لىياڭيۈ بىلەن بىرلىكتە يەنە بىر قېتىم ئاپەت ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر بولغان سەنيەنگۇغا بېرىپ يەرلىك، ھەربىي قىسىم ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇل رەھبەرلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش نەق مەيدانى ۋە قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە نەق مەيداندا كېيىنكى باسقۇچلۇق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى .

  9-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن، يىغىندا بېكتىلگەن قىسمەن رايونلارنى پارتىلىتىش لاھىيەسىگە ئاساسەن، قۇرۇلۇش قىسمى ئويمانلىقتىكى توختام سۇ توسمىسىنى پارتىلاتتى. زۇڭلى ۋېن جياباۋ ئويمانلىقتىكى توختام سۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى.

  زۇڭلى باشقىلارنىڭ توسۇشىغا قارىماستىن، لاتقا ئۈستىدىكى تاش ۋە تاختايلارغا دەسسگىنىچە، مىڭ تەسلىكتە بەيلوڭ دەرياسى بويىغا كېلىپ، ئويمانلىقتىكى توختام سۇ ۋە دەريانىڭ سۇ ئەھۋالىنى ئىنچىكلىك بىلەن كۆزدىن كەچۈردى.

  8-ئاۋغۇست سائەت 23 تىن 9-ئاۋغۇست سائەت 2 گىچە ۋېن جياباۋ قايتا يىغىن چاقىرىپ، ئالدىنقى قېتىملىق يىغىندا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىدىن دوكلات ئاڭلىدى. كۆرۈلگەن يېڭى ئەھۋاللارغا قارىتا يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى.

  ئۇ، ھازىر ئاپەت يۈز بەرگىنىگە دەل 24 سائەت بولدى. ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە تۇرىۋاتىمىز. بىرىنچىدىن، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىزدەپ قۇتقۇزۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، چالا قويماي رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، قاپسىلىشتا ھايات قالغۇچىلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىزدەپ قۇتقۇزۇش لازىم. ئىككىنچىدىن، شەھەر رايونىدىكى لاي-لاتقىلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا تېزلىكتە ئاتلىنىپ، گىئولوگىيەلىك ئەھۋال ۋە لاتقا-شېغىللىق ئېقىننىڭ تەسىر دائىرىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئىلمىي بىر تەرەپ قىلىش لاھىيەسىنى تۇرغۇزۇش لازىم. ئۈچىنچىدىن، توختام سۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش بۇ قېتىملىق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ مۇھىم ھالقىسى. قىسمەن پارتىلىتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق دەريا يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، كەلكۈن سۈيىنى تېزرەك ئېقىتىۋىتىش لازىم. تۆتىنچىدىن، ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلق ئاممىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ۋاقىتلىق تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى سىياسەتلەرنىڭ ۋاقتىدا يۈرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم. بەشىنچىدىن، گىئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، خەتەرلىك جايلارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، ئاممىنى ۋاقتىدا كۆچۈرۈپ ئاپەتتىن ساقلاش لازىم. ئالتىنچىدىن، تىببىي خادىملارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن يارىلانغان ئاممىنى قۇتقۇزۇشقا تەشكىللەش، ئېغىر يارىدارلارنىڭ ھەممىسىنى سىرتقا يۆتكەپ داۋالاش لازىم، دەپ كۆرسەتتى.

  يىغىندا جۇچۈدىكى پەۋقۇلئاددە زور لاتقا-شېغىللىق ئېقىن ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق شىتابى قۇرۇش ، گەنسۇ ئۆلكىسى ۋە لەنجۇ ھەربىي رايونى كونكرېت مەسئۇل بولۇش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، جۇچۈدە گوۋۇيۇەننىڭ پەۋقۇلئاددە زور لاتقا-شېغىللىق ئېقىندىن قۇتقۇزۇشقا رەھبەرلىك قىلىش ۋە ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى قۇرۇش قارار قىلىندى. (مۇخبىر لى بىن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە مەركىزى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!