
شىنخۇا تورى ، باغداد 8–ئاۋغۇست تېلېگراممىسى : ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەمەلدارىنىڭ 8–ئاۋغۇست ئېيتىشىچە ، ئىراقنىڭ 2– چوڭ شەھىرى باسراھتا 7–ئاۋغۇست كەچ يۈز بەرگەن پارتىلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلار سانى 36 گە يەتكەن ، 110 ئادەم يارىلانغان .
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى بىر زات شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېگەن : بىز ئېرىشكەن ئەڭ يېڭى ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا ، بۇ ، ئۈچ دانە بومبا كەلتۈرۈپ چىقارغان زەنجىرسىمان پارتىلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى بولۇپ ، نۆۋەتتە ، 36 ئادەم قازا قىلدى . بۇ قېتىمقى پارتىلىتىش ۋەقەسى باسراھنىڭ شەھەر مەركىزى سودا رايونىدىكى بىر ئۈستى ئوچۇق بازاردا يۈز بەرگەن بولۇپ ، پايتەخت باغداد بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 550 كىلومېتىر كېلىدۇ .
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ، ئىراقتا ھەرخىل زوراۋانلىق ۋەقەسى ئارقا–ئارقىدىن يۈز بەرگەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ، ئامېرىكا كۆپ قېتىم ئىراق ئارمىيەسىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى قوغداش ئىقتىدارى بار دەپ كېسىپلا ئېيتقان ھەمدە ئەسلىدىكى پىلان بويىچە 9–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن بۇرۇن ئىراقتىكى قالغان ئەسكەرلىرىنى پۈتۈنلەي چېكىندۈرمەكچى بولغان . ئۇنىڭدىن باشقا ، ئىراق پارلامېنت سايلىمى بۇ يىل ئەتىيازدا ئاخىرلاشقاندىن بۇيان ، يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇش ۋەزىيىتىدە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىغان .