ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئاشكارىلىشىچە ، 10-ماي كۈنى ئىراقنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا 10 نەچچە قېتىمدەك پارتلىتىش ، ھۇجۇم قىلىش تېرورلۇق ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ ، ئاز دېگگندىمۇ 91 ئادەم ئۆلۈپ 300 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان .
ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇنلار پايتەخت باغدادتىن باشقا يەنە بابىلۇن ئۆلكىسى ، ۋاھىد ئۆلكىسى ، دىيار ئۆلكىسى ۋە جەنۇبي قىسىمدىكى بەسىرە شەھەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . يېقىندىن بۇيان بۇ رايونلاردا تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى ئەدەپ كەتكەن .