2010-يىللىق 4-نۆۋەتلىك سايرام كۆلىنى ئايلىنىش ۋېلىسپىت مۇسابىقىسى 28-ماي بورتالا شەھىرىدە باشلاندى . تۇنجى كۈنى ئاياغلاشقان جىڭ ناھىيىسىدىن ئارشاڭ ناھىيىسىگىچە بولغان 180 كىلومېترلىق 1-باسقۇچلۇق مۇسابىقىدە شىنجاڭ ماھىرلىرى شەخسىي نەتىجىدە ئالدىنقى ئۈچىنچىلىكنى تولۇق قولغا كەلتۈردى . مەزكۇر مۇسابىقە جەمئىي 4 يول بۆلىكىگە بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ ، تۆت كۈنلۈك كەسكىن تىركىشىشتىن كېيىن كوللېكتىپ ۋە يەككە تۈر بويىچە ئەڭ كۆپ نومۇر يىغقان ماھىرلار باھالاپ چىقىلىدۇ .