ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىدىكى قارا يامغۇر ئاپىتى يەنىلا داۋاملاشماقتا

2010-يىلى06-ئاينىڭ17-كۈنىمەنبە:شىنخۇا تورى تەھرىر: ئادىل چېكىلىشى:قىتىم
14-ئىيۇندىن 15-ئىيۇنغىچە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ خېيۈەن شەھىرىدە ئۇدا پەۋقۇلئاددە قاتتىق قارا يامغۇر يېغىپ ، شەھەر تەۋەسىدىكى 3 ناھىيە 34 يېزا-كەنتتە ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقاردى . قوراللىق ساقچى قىسىم ۋە شۇ جايدا تۇرۇشلۇق ئازادلىق ئارمىيە ھازىرغىچە نە
  

14-ئىيۇندىن 15-ئىيۇنغىچە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ خېيۈەن شەھىرىدە ئۇدا پەۋقۇلئاددە قاتتىق قارا يامغۇر يېغىپ ، شەھەر تەۋەسىدىكى 3 ناھىيە 34 يېزا-كەنتتە ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقاردى . قوراللىق ساقچى قىسىم ۋە شۇ جايدا تۇرۇشلۇق ئازادلىق ئارمىيە ھازىرغىچە نەچچە يۈز مىڭ ئاممىنى جىدىي تارقاقلاشتۇردى ۋە بىخەتەر ئورۇنغا يۆتكىدى .

نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى گۇاڭدۇڭ ، گۇاڭشى ۋە فۇجيەن قاتارلىق ئۆلكىلەردە ئۇدا قاتتىق يامغۇر يېغىپ ، كۆپ قىسىم رايونلاردا قىيان ئاپىتى ، لاي-لاتقا ئېقىنى ۋە تاغ گۆمۈرۈلۈش ۋەقەلىرى يۈز بەردى . بىۋاستە ئاپەتتە ئۇچرىغان ئاھالە نەچچە يۈز مىليوندىن ئاشتى .

 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!