ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

چىڭخەي-شىزاڭ ئېنېرگىيە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى

2010-يىلى07-ئاينىڭ31-كۈنىمەنبە:نامەلۇم تەھرىر: مۇھەممەت چېكىلىشى:قىتىم
دۇنيا بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى ئەڭ يۇقىرى، لىنىيەسى ئەڭ ئۇزۇن، قۇرۇلۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ چوڭ بولغان توك يەتكۈزۈش، توك بېسىمىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى چىڭخەي-شىزاڭ ئېنېرگىيە ساماۋىي يول قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى 2012-يىلى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگ
  
دۇنيا بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى ئەڭ يۇقىرى، لىنىيەسى ئەڭ ئۇزۇن، قۇرۇلۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ چوڭ بولغان توك يەتكۈزۈش، توك بېسىمىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى چىڭخەي-شىزاڭ ئېنېرگىيە «ساماۋىي يول» قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى
2012-يىلى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، شىزاڭنىڭ توك كەمچىل بولۇش مەسىلىسى تەلتۈكۈس ھەل بولىدۇ


 

 

 

خەلق گېزىتىنىڭ 29-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، بۈگۈن دۇنيا بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى ئەڭ يۇقىرى، لىنىيەسى ئەڭ ئۇزۇن، قۇرۇلۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ چوڭ بولغان، ئوبرازلىق قىلىپ «ساماۋىي يول»غا ئوخشىتىلغان توك يەتكۈزۈش، توك بېسىمىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى-چىڭخەي-شىزاڭ 750 كىلۋات/±400 كىلوۋاتلىق ئۆزگىرىشچان-تۇراقلىق ئېلېكتر تورى قۇرۇلۇشى گېرمۇ ۋە لخاسادا تەڭ باشلاندى.

  چىڭخەي-شىزاڭ توك يەتكۈزۈش، توك بېسىمىنى ئۆزگەرتىش تورى قۇرۇلۇشى شەرقتە شىنىڭدىن باشلىنىپ، غەربتە لخاساغا تۇتىشىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4650 مىتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. ئومۇمىي لىنىيەسى 1774 كىلومېتىرغا يېتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇدا كۆپ يىل توڭ توپىلىق لىنىيەسى تەخمىنەن 565 كىلومېتىرغا بارىدۇ. قۇرۇلۇشقا سېلىنىدىغان ئومۇمىي مەبلەغ 13 مىليارد 918 مىليون يۈەن بولۇپ، 2012-يىل ئاخىرىدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش پىلانلانغان. چىڭخەي بىلەن شىزاڭنى تۇتاشتۇرىدىغان بۇ چوڭ ئېنېرگىيە ئارتىرىيەسى شىزاڭنىڭ سۇ كەمچىل پەسلىدە كۆرۈلىدىغان توك ئېغىر يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى تەلتۈكۈس ھەل قىلىپلا قالماي، يەنە شىزاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك ئېنېرگىيە كاپالىتى ھازىرلاپ بېرىدۇ، شۇنداقلا ياز پەسلىدە شىزاڭنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئېشىنچا توكنى چىڭخەي ئېلېكتر تورىغا يەتكۈزۈپ، شىزاڭنىڭ سۇ ئېلېكتر بايلىقىنى ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇشقىمۇ ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ.

 (رەن يۇڭپىڭ، جوۋ دۇڭپىڭ، سۈن خەيتاۋ، جاڭ فەن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە مەركىزى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق گېزىتى

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر