ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

ئېلىمىزدىكى 100 مىليون بالىغا دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن قىزىل ۋاكسىنىسى كوللېكتىپ ئەملىنىدۇ

2010-يىلى09-ئاينىڭ03-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: قەيسەر چېكىلىشى:قىتىم
سەھىيە مىنىستىرلىقى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش–كونترول قىلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خاۋ ياڭ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرماقتا    1–سېنتەبىر ، مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە ، مەملىكىتىمىزدە 11–سېنتەبىردىن 20–سېنتەبىرگىچە 100 مىليونغا يېقىن بالىغا قى
  

سەھىيە مىنىستىرلىقى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش–كونترول قىلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خاۋ ياڭ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرماقتا

   1–سېنتەبىر ، مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە ، مەملىكىتىمىزدە 11–سېنتەبىردىن 20–سېنتەبىرگىچە 100 مىليونغا يېقىن بالىغا قىزىل ۋاكسىنىسى ئەملىنىدىكەن . ئاساسلىق ئەملەش ئوبيېكتى سەككىز ئايلىقتىن تۆت ياشقىچە بولغان بالىلار بولۇپ ، ھەممىسىگە دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ۋاكسىنا ئەملىنىدىكەن . بۇ ، ئېلىمىزدىكى بۈگۈنگىچە ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ كەڭ كۆلەملىك قىزىل ئىممۇنىتېتىنى كۈچەيتىش ھەرىكىتى ھېسابلىنىدىكەن.

   سەھىيە مىنىستىرلىقى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش–كونترول قىلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خاۋ ياڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قىزىل—قىزىل ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر خىل جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكى بولۇپ، تارقىلىشچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەن . ئەگەر ۋاكسىنا ئەملەنمىسە ھەممىلا ئادەمگە دېگۈدەك قىزىل چىقىدىكەن.

   خاۋ ياڭ بۇ قېتىملىق قىزىل ئىممۇنىتېتىنى كۈچەيتىشنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ، نىسبەتەن كۆپ رايون دائىرىسىدىكى بارلىق بالىلارغا قارىتىلىدىغانلىقىنى ، ئىلگىرى قىزىل ۋاكسىنىسىنى ئەملەتكەن ۋە قىزىل چىققان بولۇش–بولماسلىقىدىن قەتئىينەزەر ، قىزىل ۋاكسىنىسى ئەملەتسە بولمايدىغانلىقى ئىسپاتلانمىغانلىكى بالىلارغا بىردەك ئەملىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. بۇ قېتىمقى ئەملەش پائالىيىتى ‹‹ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش، قوشۇلۇش، ئىختىيارىي بولۇش، ھەقسىز بولۇش›› پىرىنسىپى بويىچە بىر تۇتاش قانات يايدۇرۇلىدۇ.

( مۇھەررىر : شەرىپە )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر