ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

ئادىل ھوشۇر 5-ئايدا قۇش چاڭگىسىغا چىقىپ ئىنسانلارنىڭ بوشلۇقتىكى ھاياتلىق چەكلىمىسىگە جەڭ ئىلان قىلىدۇ.

2010-يىلى04-ئاينىڭ15-كۈنىمەنبە:نامەلۇم تەھرىر: admin چېكىلىشى:قىتىم
دارۋاز ئادىل ھوشۇر 5 -ئاينىڭ 3-كۈندىن باشلاپ دۆلەتلىك تەنتەربىيە مەيدانىدىكى قوش چاڭگىسىدا ئۇدا 60 كۈنلۈك تۇرمۇشىنى باشلاپ، ئىنسانلارنىڭ يۇقىرى بوشلۇقتىكى ھاياتلىك چەكلىمىسىگە جەڭ ئىلان قىلىدۇ. 60 كۈن جەريانىدا بوشلۇق شاھى ئادىل ھوشۇر قۇش چاڭگىسى شەرىقىدى
  

دارۋاز ئادىل ھوشۇر 5 -ئاينىڭ 3-كۈندىن باشلاپ دۆلەتلىك تەنتەربىيە مەيدانىدىكى  قوش چاڭگىسىدا ئۇدا 60 كۈنلۈك تۇرمۇشىنى باشلاپ، ئىنسانلارنىڭ يۇقىرى بوشلۇقتىكى ھاياتلىك چەكلىمىسىگە جەڭ ئىلان قىلىدۇ.

60 كۈن جەريانىدا بوشلۇق شاھى ئادىل ھوشۇر "قۇش چاڭگىسى" شەرىقىدىكى پولات قۇرۇلما ئۈستىگە لاھىلەنگەن كىچىك ئۆيدە تۇرمۇشىنى ئۆتكۈزىدۇ، ھەمدە ھەر كۈنى 5 سائەت ئەتىراپىدا يۇقىرى بوشلۇقتا ئۇسۇل ئويناش، يۈگىرەش، بىشىدا تىكلىنىش قاتارلىق يۇقىرى قىيىنلىقتىكى ماھارەتلەرنى ئورۇنلايدۇ.

ئادىلغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان يۇقىرى بوشلۇقتىكى كىچىك ئۆينىڭ كۆلىمى 9 كۇۋادىرات مىتىر كىلىدىغان بولۇپ، جەرياندا شەپەقگۈلى بېقىش،  شاتۇت بېقىش قاتارلىق ئىنچىگە پائالىيەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

دارۋازلىق شىنجاڭنىڭ 2000 يىللىق تارىخقا ئىگە سىرىك سەنئىتى. ئادىل ئىلگىرى بەش قىتىم دۇنيا جىننىس رىكورتىنى بۇزغان. بۇ قىتىملىق پائالىتىدە، ئۇ يۇقىرى بوشلۇقتا مۇستەقىل ياشاش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن، مىڭىش ئارلىقى ئەڭ ئۇزۇن بولغان بىر قىتىملىق جىننىس رىكورتىغا جەڭ ئىلان قىلدى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر