ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

بەش نەپەر فىرانسىيەلىك نېگىردا تۇتقۇن قىلىندى

2010-يىلى09-ئاينىڭ17-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: قەيسەر چېكىلىشى:قىتىم
بىر ئىشچى ئارلىت بازىرىدىكى ئۇران رۇدىسى كانىدا قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى كۆزەتمەكتە (ماتېرىيال سۈرەت)   فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 16–سېنتەبىر ، بەش نەپەر فىرانسىيەلىكنىڭ نىگېرىيەدە تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى دەلىللىدى .    فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىن
  

بىر ئىشچى ئارلىت بازىرىدىكى ئۇران رۇدىسى كانىدا قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى كۆزەتمەكتە (ماتېرىيال سۈرەت)

  فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 16–سېنتەبىر ، بەش نەپەر فىرانسىيەلىكنىڭ نىگېرىيەدە تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى دەلىللىدى .

   فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى شۇ كۈنى مۇنداق دېدى : تۇتقۇن قىلىنغان بۇ بەش نەپەر فىرانسىيەلىك فىرانسىيە ‹‹ AREVA ››گۇرۇھى ۋە فىرانسىيە ‹‹ۋەنشى›› چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى شىركىتىدىن كەلگەن بولۇپ ، 15–سېنتەبىر كېچىدە نىگېرىيەنىڭ شىمالىدىكى قۇملۇق رايونى ئارلىت بازىرىغا جايلاشقان بىر ئۇران رۇدىسى كانىدا تۇتقۇن قىلىنغان . فىرانسىيەدىكى بۇ ئىككى شىركەتمۇ بەش نەپەر كارخانا خىزمەتچىسىنىڭ نىگېردا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى دەلىللىدى . فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ۋە فىرانسىيەنىڭ نىگېرىيەدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بارلىق كۈچنى ئىشلىتىپ ئادەمنى قۇتقۇزۇشقا ئاتلاندى.

   فىرانسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، تۇتقۇن قىلغۇچىلار ‹‹ بازا ›› تەشكىلاتىنىڭ شىمالىي ئافرىقىدىكى  تارمىقى ‹‹ ئىسلام مەغرىبى بازا تەشكىلاتى ›› نىڭ ئەزالىرى بولۇشى مۇمكىنكەن . بۇ تەشكىلات بۇ يىل 7–ئايدا ، 78 ياشلىق فىرانسىيەلىك تۇتقۇن ژېرمانونى ئۆلتۈرۈۋېتىپ ، ئىلگىرى فىرانسىيە بىلەن ماۋرىتانىيە قوشۇنىنىڭ بىرلىكتە ئۆزلىرىگە قارىتا ئېلىپ بارغان ھەربىي زەربە بېرىش ھەرىكىتىدىن ئۆچ ئالغان .

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!