ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

نىگېرىيەنىڭ غەربىي قىسىم رايونلىرىدا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە 48 ئادەم قازا قىلدى

2010-يىلى09-ئاينىڭ16-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
  ماتېرىيال سۈرەت     شىنخۇا تورى لاگوس 15–سېنتەبىر تېلېگراممىسى : بۇ ھەپتە كىرگەندىن بۇيان ، نىگېرىيەنىڭ غەربىي قىسىم رايونلىرى كەلكۈننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ ، ئاز دېگەندىمۇ 48 ئادەم قازا قىلىپ ، نۇرغۇن ئادەم يوقاپ كەتكەن .     نىگېرىيە ئاگېنتلىقىنىڭ
  
 
ماتېرىيال سۈرەت

    شىنخۇا تورى لاگوس 15–سېنتەبىر تېلېگراممىسى : بۇ ھەپتە كىرگەندىن بۇيان ، نىگېرىيەنىڭ غەربىي قىسىم رايونلىرى كەلكۈننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ ، ئاز دېگەندىمۇ 48 ئادەم قازا قىلىپ ، نۇرغۇن ئادەم يوقاپ كەتكەن .

    نىگېرىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 15–سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، كەلكۈن 23 كەنتنى بېسىپ ، نەچچە مىڭلىغان ئۆي ۋە زور كۆلەمدىكى تېرىلغۇ ئېتىزلارنى ۋەيران قىلىۋەتكەن . نۆۋەتتە ، تەخمىنەن 35 مىڭ ئادەم ئۆي–ماكانىسىز قالغان .

    كەلكۈن ئاپىتى بىر قەدەر ئېغىر بولغان گىرونىئو رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ بىر ئەمەلدارى قازا قىلغانلارنىڭ سانىنىڭ يەنە ئىستاتىستىكا قىلىنىۋاتقانلىقىنى ، ھەمدە بۇ ساننىڭ داۋاملىق ئاشىدىغانلىقىنى ، ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت ۋە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قۇتقۇزۇش ئەترىتى تەشكىللەپ كىشىلەرگە قۇتقۇزۇش ئەسلىھەلىرى تارقىتىپ بېرىپ ، بارار جايى يوقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان .

 
ماتېرىيال سۈرەت
( مۇھەررىر : نىجات )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!