![]() |
كەلكۈن باۋچىڭ تۆمۈر يولىدىكى تۆمۈر يول كۆۋرۈكىنى بۇزۇۋەتكەن نەق مەيدان. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جياڭ خوڭجىڭ فوتوسى) |
خەلق گېزىتىنىڭ 19-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ تۆمۈر يول تارماقلىرى ۋە چېڭدۇ تۆمۈر يول ئىدارىسىدىن ئىگەللىشىچە، يېقىندا سىچۈەن ئۆلكىسىدە قارا يامغۇر يېغىپ، شىتىڭجياڭ دەرياسىدا كەلكۈن تېشىپ كەتكەن. 19-ئاۋغۇست سائەت 15دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، كەلكۈن باۋچېڭ تۆمۈر يولى گۇاڭخەن بۆلىكىدىكى شىتىڭ دەرياسى تۆمۈر يول كۆۋرۈكىنى بۇزىۋېتىپ، شىئەندىن كۈنمىڭغا قاراپ ماڭغان K165 قېتىملىق يولۇچىلار پويىزىنىڭ 14-15-ۋاگونى شىتىڭ دەرياسىغا چۈشۈپ كەتكەن، تەكشۈرۈلۈشىچە، ئۆلۈش - يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن. (لياڭ شياۋچىن، لۇ يانەن خەۋىرى)
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!