14–ئاۋغۇست ، ۋېنچۇەننىڭ يىڭشيۇ بازىرىدىكى بىر تۇرالغۇ رايونىنى سۇ بېسىپ كەتتى
قاتتىق يامغۇرنىڭ تەسىرىدە ، سىچۈەن ئۆلكىسى ۋېنچۇەن ناھىيەسىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا لاتقا–شېغىللىق ئېقىن ، گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش قاتارلىق ئاپەتلەر يۈز بېرىپ ، 10 دىن ئارتۇق يېزا–بازاردا قاتناش ، ئالاقە ، توك بىلەن تەمىنلەش ئۈزۈلۈپ قالغان ، يىڭشيۇ بازىرىدا 31 ئادەم يوقاپ كەتكەن . نۆۋەتتە ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ .
13–ئاۋغۇست كېچىدىن 14–ئاۋغۇست سەھەرگىچە ، سىچۈەننىڭ ۋېنچۇەن ناھىيەسىدە تۇيۇقسىز ياغقان قارا يامغۇر بۇ ناھىيەنىڭ كۆپ قىسىم يېزا–بازارلىرىدا لاتقا–شېغىللىق ئېقىن كەلتۈرۈپ چىقارغان .
14–ئاۋغۇست ، ۋېنچۇەننىڭ يىڭشيۇ بازىرىدىكى بىر تۇرالغۇ رايونىنى سۇ بېسىپ كەتتى