ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئامېرىكا بىلەن كورىيە بۈگۈندىن باشلاپ يېڭى بىر نۆۋەتلىك بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى ئۆتكۈزىدۇ

2010-يىلى08-ئاينىڭ16-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: قەيسەر چېكىلىشى:قىتىم
  27–ئىيۇل ، كورىيە–ئامېرىكا ھەربىي مانېۋىرى ئۈچىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى      ئامېرىكا بىلەن كورىيە شەرقىي دېڭىز تەۋەلىكى ( ياپون دېڭىزى ) بىلەن كورىيەنىڭ غەربىي دېڭىز تەۋەلىكى ( خۇاڭخەي دېڭىزى ) دە 16–ئاۋغۇستتىن 26–ئاۋغۇستقىچە ، بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆ
  
 
27–ئىيۇل ، كورىيە–ئامېرىكا ھەربىي مانېۋىرى ئۈچىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى

     ئامېرىكا بىلەن كورىيە شەرقىي دېڭىز تەۋەلىكى ( ياپون دېڭىزى ) بىلەن كورىيەنىڭ غەربىي دېڭىز تەۋەلىكى ( خۇاڭخەي دېڭىزى ) دە 16–ئاۋغۇستتىن 26–ئاۋغۇستقىچە ، بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىكەن . بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى ئۆتكۈزۈشى ھېسابلىنىدىكەن .

    ئىگىلىنىشىچە ، بۇ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىغا 30 مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرى ۋە 56 مىڭ ئەسكەر قاتنىشىدىكەن . ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى يەنە مەلۇم ساندىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆز زېمىنىدا ئىنتېرنىت تورى ئارقىلىق ھەربىي مانېۋىرغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .

    ھەربىي مانېۋىردا ، كورىيە ــ ئامېرىكا بىرلەشمە قوماندانلىق ئىشتابى يەنە تېرورىزىمغا تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرىنىمۇ ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ ، بۇ 11 ــ نويابىر كورىيەنىڭ سىئۇل شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 20 دۆلەت گورۇھى باشلىقلار ئۇچرىشىشىغا تەييارلىق كۆرۈش ئىكەن .

    كورىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، بۇ قېتىملىق ھەربىي مانېۋىر كورىيەنىڭ مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، ھەر قايسى قىسىملاردىكى ئوفېتسېر ــ ئەسكەرلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى ۋە ھەربىي قىسىم قوماندانلىرىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان .

( مۇھەررىر : نىجات )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!