شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تېھران، 10 – ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرى مېھمان پاراسەت 10 – ئاۋغۇست: ئىران يادرو يېقىلغۇسى ئالماشتۇرۇش مەسىلىسىدە فىرانسىيە، رۇسىيە، ئامېرىكا ھەم خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىدىن تەشكىللەنگەن ۋېنا گۇرۇپپىسى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىنىپ بولدى، دېدى.
ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى ئۆتكۈزگەن دائىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مېھمان پاراسەت: مۇناسىۋەتلىك سۆھبەت ئىران تۈركىيە ۋە بىرازىلىيە بىلەن ئىمزالىغان ئۈچ تەرەپنىڭ يادرو يېقىلغۇسى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئۈچۈن ئاساس بولىدۇ، دېدى. ئۇ: ئىران ۋېنا گۇرۇپپىسىنىڭ جاۋابىنى كۈتۈۋاتىدۇ ھەم يىغىننىڭ ۋاقتى ۋە ئورنىنى بېكىتىۋاتىدۇ، دېدى.