ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ھىندىستان دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىككى پاراخوت ئۆز ئارا سوقۇلۇپ كەتتى

2010-يىلى08-ئاينىڭ11-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: قەيسەر چېكىلىشى:قىتىم
10–ئاۋغۇست ، ھىندىستان ھۆكۈمەت تەرەپ تەمىنلىگەن سۈرەت     ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ 9–ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە ، يېقىندا ، ھىندىستان دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىككى پاراخوت ئۆزئارا سوقۇلۇپ كېتىپ ، پاراخوتتىكى ماي دېڭىزغا ئېقىپ كەتكەن . دېڭىز ساھىلىدىك
  

10–ئاۋغۇست ، ھىندىستان ھۆكۈمەت تەرەپ تەمىنلىگەن سۈرەت

    ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ 9–ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە ، يېقىندا ، ھىندىستان دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىككى پاراخوت ئۆزئارا سوقۇلۇپ كېتىپ ، پاراخوتتىكى ماي دېڭىزغا ئېقىپ كەتكەن . دېڭىز ساھىلىدىكى مۇھاپىزەت ئەترىتى دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ دېڭىزدىكى لەيلىمە ماينى تازىلاپ ، ماينىڭ ئەتراپقا تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان .

   ئىگىلىنىشچە ، بىر كونتېينېر بېسىلغان يۈك پاراخوتى 7–ئاۋغۇست بومباي پورتىدىن يولغا چىققاندا پورتقا كىرىۋاتقان يەنە بىر پاراخوتقا سوقۇلۇپ كېتىپ ، قىيسىيىپ قېلىپ ، تەخمىنەن 200 كونتېينېر دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن . بۇ ئىككى پاراخوت دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسىگە تەخمىنەن 5 دېڭىز مىلى كېلىدىغان جايدا سوقۇلۇپ كەتكەن .

    ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ باياناتچىسى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېگەن : دېڭىز ساھىلى مۇھاپىزەت ئەترىتى بىر تىك ئۇچار ئاجرىتىپ ، ھادىسە يۈز بەرگەن دېڭىز تەۋەلىكىگە ماي ئېرىتكۈچى دورا پۈركىگەن ھەمدە ئالتە دانە كېمە ئاجرىتىپ دېڭىز يۈزىدىكى مايلارنى تازىلاپ ، يۈك ساندۇقلىرىنى سۈزۈۋالغان .

   مۇھىت ئاسراش تارماقلىرىنىڭ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش گۇرۇپپىسى ماينىڭ تارقىلىپ كېتىش ئەھۋالىنى قاتتىق نازارەت قىلىپ ، لەيلىمە ماينىڭ تۇيۇقسىز دېڭىز قىرغىقىدىكى رايونلارغا تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان .

   ھۆكۈمەت تارماقلىرى يەرلىك بېلىقچىلارنىڭ ۋاقتىنچە بېلىق تۇتۇشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان .

مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر :

 

10–ئاۋغۇست ، ھىندىستان ھۆكۈمەت تەرەپ تەمىنلىگەن سۈرەت 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!