شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيرۇت، 9 – ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. لىۋان ئاللا پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى نەسۇرۇللا 9 – ئاۋغۇست كەچتە بېيرۇتتا: ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ سابىق زۇڭلىسى رافىر ھەرىرىنى ئۆلتۈرۈشنى پىلانلىغان، خەلقئارالىق تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ بۇ ئىشىنى تەكشۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى.
نەسۇرۇللا شۇ كۈنى كەچتىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئەمەلىي مىساللارنى كۆرسەتتى ھەم ئاللا پارتىيەسى ئىگىلىگەن ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرىرىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش پىلانىدىكى پاكىتلارغا مۇناسىۋەتلىك سىن لېنتىسىنى كۆرسەتتى. ئۇ: ئاللا پارتىيەسىدە بار بولغان پاكىتلار ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرىرىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى، ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ھەرىكەتنى ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ، دېدى.
نەسۇرۇللا: 1993 – يىلى 13 – سېنتەبىردىن كېيىن، ئىسرائىلىيە ھەرىرىنى ئاللا پارتىيەسىنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىغا ئىشەندۈرۈشكە ئىزچىل ئۇرۇنغان، دېدى. ئۇ مىسال كەلتۈرۈپ: ئەھمەد نەسۇرۇللا ئىسىملىك ئىسرائىلىيە جاسۇسى ھەرىرىنىڭ ئىشەنچلىك ئادىمى ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك ئاخباراتلارنى يەتكۈزگەن. ئەمما، بۇ جاسۇس ئىشتىن كېيىن، بۇ ئاخباراتلارنى ئۆزىنىڭ توقۇپ چىققانلىقىنى ئىقرار قىلدى، دېدى.