
لىۋان ھۆكۈمىتى 10 ــ ئاۋغۇست ئامېرىكىنىڭ لىۋانغا قاراتقان 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ھەربىي ياردەمنى توختاتقانلىقىنى ئەيىپلىدى ۋە بۇنىڭ قىلچىلىك ئاساسىي يوقلىقىنى ئېيتتى .
ئامېرىكا تەرەپ ، ياردەمنىڭ لىۋان ئاللاھ پارتىيەسىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىشتىن ، بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقدىشى ئىسرائىلىيەگە تەھدىت ئېلىپ كېلىشتىن ئەنسىرەپ ياردەمنى توختاتقانلىقىنى ئېيتقان .
ئامېرىكىنىڭ لىۋانغا ھەربىي ياردەمنى توختاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ئىران تەرەپ 9 ــ ئاۋغۇست لىۋان ھەربىي قىسمىغا ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
ئىراننىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شۇ كۈنى لىۋان قوراللىق قىسمىنىڭ باش قوماندانى كاۋاھىغا ، ئىراننىڭ ‹‹ لىۋان ھەربىي تەرەپنىڭ بارلىق ساھەلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش ، لىۋان ھەربىي تەرەپنىڭ لىۋاننى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەم بېرىش ›› كە تەييارلىنىپ بولغانلىقىنى ئېيتقان .
ئىران زۇڭتۇڭى ئەھمەد نىجادمۇ كىلەر ئايدا لىۋانغا زىيارەتكە بارىدىغانلىقىنى بېكىتكەن .