بۇشېر يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى
چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئىران بۇشېر يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى شۇ جاي ۋاقتى 21–ئاۋغۇست يادرو يېقىلغۇسىنى قاچىلاشقا باشلىغان ، بۇنىڭ بىلەن رۇسىيەنىڭ ياردىمى بىلەن قۇرۇلغان تۇنجى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى نۇرغۇنلىغان ئوڭۇشسىزلىقلاردىن كېيىن ، ئاخىرى ئەمەلىي ئىشلىتىش باسقۇچىغا كىرگەن .

21–ئاۋغۇست ، يادرو يېقىلغۇسى قاچىلىنىشتىن ئىلگىرى ، ئىراننىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى ، قوشۇمچە ئىران ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئاپپاراتىنىڭ رەئىسى سالېش بىلەن رۇسىيە دۆلەت ئاتوم ئېنېرگىيەسى شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى سۆھبەت ئۆتكۈزگەن . سۆھبەتتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن تەبرىكلەش يىغىنىدا ، سالېش مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ‹‹ گەرچە غەربتىكى دۆلەتلەر ئىرانغا نۇرغۇنلىغان بېسىم ۋە قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ ، بىراق ، بۈگۈن بۇشېر يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئوڭۇشلۇق ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى . بۇ ئىراننىڭ تىنىچلىققا ئىشلىتىدىغان يادرو ئېنېرگىيەسى جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن ھەل قىلغۇچ غەلبىسى ھېسابلىنىدۇ›› . شۇنىڭ ئۈچۈن ، ئىران مەملىكەت خاراكتېرلىك تەبرىكلەش پائالىيىتى تەشكىللەشكە تەييارلىق كۆرۈۋاتىدۇ .
ئالدىن بەلگىلەنگەن پىلان بويىچە ، كەلگۈسى 10 كۈن ئىچىدە جەمئىي بار بولغان 163 دانە يادرو يېقىلغۇ توقمىقىغا يادرو رېئاكتورى قاچىلىنىپ ئىككى ئايدىن كېيىن ، قۇراشتۇرۇلغان سىغىمچانلىقى 1000 مېگاۋات قىلىپ لايىھەلەنگەن بۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئىراننى جىددىي كېرەكلىك بولغان ئېلېكتر ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ .
رۇسىيە دۆلەت ئاتوم ئېنېرگىيەسى شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى : بۇشېر ئېلېكتىر ئىستانسىسى پەقەت خەلق ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ ، يادرونى كېڭەيتىش خەتىرى مەۋجۇت ئەمەس . ئىككى دۆلەت ئىلگىرى ھاسىل قىلغان كېلىشىمگە ئاساسەن ، بۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىكى بارلىق يادرو كېرەكسىز ماتېرىياللىرىنى رۇسىيە قايتۇرىۋېلىپ ، ئۆزى بىر تەرەپ قىلىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، ئىران خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئاپپاراتىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يادرو يېقىلغۇ ماتېرىياللىرى ھەمدە يادرو كېرەكسىز ماتېرىياللىرىنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىنى نازارەت قىلىشىغا قوشۇلغان .