
رۇسىيە جىددى ئەھۋال بۆلۈمىنىڭ 19–ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، نۆۋەتتە ، رۇسىيەدىكى ئوت ئاپىتى ئاساسىي جەھەتتىن كونترول قىلىنغان بولۇپ ، ئاپەت كۆلىمى 11 مىڭ 200 گېكتارغا كىچىكلىگەن . غەربىي شىمال يۆنلىشىدىكى بالتىق دېڭىزى سىكلونىنىڭ تەسىرىدە موسكىۋا خەلقى نەچچە ئاي داۋاملاشقان تومۇز ئىسسىق بىلەن خوشلىشىپ ، يامغۇرلۇق ھاۋارايىنى كۈتۈۋالغان .
رۇسىيە جىددى ئەھۋال بۆلۈمى دۆلەت جىددىي ھالەتنى تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى سىتىفانوف ، ئۆتكەن 24 سائەت ئىچىدە تەخمىنەن 10 مىڭ گېكتار يەردىكى ئوتنىڭ ئۆچۈرۈلگەنلىكىنى ، مەركىزىي فېدېراتسىيە رايونى ۋە ۋولگا دەرياسى بويىدا يۈز بەرگەن ئوت ئەھۋالىنىڭ تۇراقلاشقانلىقىنى ، 18–ئاۋغۇستقا سېلىشتۇرغاندا ، مەركىزىي فېدېراتسىيە رايونى ۋە ۋولگا دەرياسى بويىدىكى ئوت ئاپىتى كۆلىمىنىڭ 8000 گېكتاردىن 1600 گېكتارغا كىچىكلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن .
رۇسىيە جىددى ئەھۋال بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سېرىيگېۋ 19–ئاۋغۇست موسكىۋانىڭ شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى ئوتنىڭ 22–ئاۋغۇستتىن بۇرۇن پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈلىدىغانلىقى ، ھەمدە ئۆزىنىڭ زۇڭتۇڭنىڭ پىكرى بويىچە يۇقىرىدا ئېيتىلغان رايونلاردا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان جىددىي ھالەتنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان .
ئۇنىڭدىن باشقا ، ئىككى ئايغا يېقىن داۋاملاشقان پەۋقۇلئاددە يۇقىرى تېمپېراتۇرا 19–ئاۋغۇستتىن باشلاپ تۆۋەنلەشكە باشلىغان بولۇپ ، موسكىۋا شەھەر ئىچىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرىسى 22 گە چۈشكەن . ھاۋا رايى تارماقلىرىدىن ئىگىلىنىشىچە ، 20–ئاۋغۇست موسكىۋادا يەنە بىر قېتىم يامغۇرلۇق ھاۋا رايى كۆرۈلىدىكەن .