ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

دۇنيا يەرمەنكىسى ئافغانىستان سارىيى كۈنىدە ئافغانىستاننىڭ مۇستەقىللىق كۈنى تەبرىكلەندى

2010-يىلى08-ئاينىڭ20-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: قەيسەر چېكىلىشى:قىتىم
ئافغانىستان سودا ۋە سانائەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئاناۋون ھەق ئەھەد تەبرىك سۆزى قىلدى شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش ۋەكىلى جاڭ چۈنشياڭ تەبرىك سۆزى قىلدى    شىنخۇا تورى ، 19–ئاۋغۇست تېلېگراممىسى: 19–ئاۋغۇست ، ئافغانىستان مۇستەقى
  

ئافغانىستان سودا ۋە سانائەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئاناۋون ھەق ئەھەد تەبرىك سۆزى قىلدى

شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش ۋەكىلى جاڭ چۈنشياڭ تەبرىك سۆزى قىلدى

   شىنخۇا تورى ، 19–ئاۋغۇست تېلېگراممىسى: 19–ئاۋغۇست ، ئافغانىستان مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 91 يىللىق خاتىرە كۈنى بولۇپ، دۇنيا يەرمەنكىسىگە تۇنجى قېتىم قاتناشقان ئافغانىستان دەل بۇ كۈنى دۆلەت سارىيى كۈنىنى كۈتۈۋالدى.

   ئافغانىستان سودا ۋە سانائەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئاناۋون ھەق ئەھەد: ‹‹ئافغانىستان پۇقرالىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ بايرىقىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ بايراقلىرى بىلەن بىرلىكتە دۇنيا يەرمەنكىسى بوشلۇقىدا لەپىلدەۋاتقانلىقىنى كۆرگەندىكى ھاياجانلىق ھېسسىياتىنى تىل بىلەن تەسۋىرلەش قىيىن››، دېدى.

   ئەھەد ئافغانىستان سارىيىنىڭ ئافغانىستان مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىۋاتقانلىقىنى، ھازىر كۈنىگە 50 مىڭ ساياھەتچىنى جەلپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانىستان سارىيىنى ‹‹مەبلەغ ۋە مەنىۋى جەھەتتە قوللىغانلىقى›› غا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتتى.

   شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى ئافغانىستان سارىيى ‹‹ئاسىيانىڭ يۈرىكى، پۇرسەت ۋە بايلىق ماكانى›› نى باش تېما قىلغان بولۇپ، ساراينىڭ سىرتقى شەكلى تارىخىي مەشھۇر شەھەر ھېراتتىكى داڭلىق كۆك مەسچىتكە تەقلىد قىلىنغان. سارايدىكى ‹‹راھىمى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى›› دە ئافغانىستاننىڭ قىممەتلىك بايلىقلىرى كۆرگەزمە قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئۇزاق تارىخى ۋە پارلاق مەدەنىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

 ئافغانىستانلىق سەنئەتكارلار نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارغا ئەنئەنىۋى ماھالى مۇزىكىسىنى چېلىپ بەردى

ئافغانىستانلىق سەنئەتكارلار تاماشىبىنلارغا ئېسىل نومۇرلارنى ئورۇنداپ بەردى

ئىككى دۆلەت ئەزىز مېھمانلىرى بىرلىكتە جۇڭگو سارىيىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى

ئىككى دۆلەت ئەزىز مېھمانلىرى بىرلىكتە ئافغانىستان سارىيىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى

( مۇھەررىر : شەرىپە )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!