20-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن جياڭشى ئۆلكىسى يۇڭشۇ ناھىيىسىدە قاتتىق چاقماق چېقىپ گۈلدۈرمامىلىق قارا يامغۇر ياغدى ھەمدە مىڭ مېتر ئېگىزلىكتىكى غايەت زور قۇيۇن پەيدا بولۇپ يۈزدىن ئارتۇق ئۆي-ئىمارەت ۋە 300 موغا يېقىن ئېتىز-ئېرىقنى ۋەيران قىلىۋەتتى . نۇرغۇن ئادەم يوقاپ كەتتى ياكى يارىلاندى . بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان نەچچە مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتتى .
كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە قۇيۇننىڭ دىئامېتىرى 6-7 مېتر ئەتراپىدا بولۇپ دەل-دەرەخلەرنى قومۇرۇپ سىتولبىلارنى ئۆرۈۋەتكەندىن باشقا يەنە ئۆيلەرنىڭ ئۆگىلىرىنى تامام ئېچىۋەتكەن . ھەتتا كىچىكرەك ئاپتوموبىلارنىمۇ ئۇچۇرتۇپ كەتكەن .