
كامېرون، پىرېزىدېنت ئوباما بىلەن كۆرۈشتى. ئۇچرىشىشنىڭ ئاساسلىق تېمىسى لوكېربىي ھۇجۇمىنى ئېلىپ بارغان دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن ئابدۇل باسىت ئەل مىغراھىىنىڭ قويۇپ بېرىلىش رولى ۋە مېكسىكا قولتۇقىدىكى نېفىت ئېقىپ كېتىش مەسىلىسى ئىدى.
ئوباما بىلەن كامېروننىڭ ئۇچرىشىشىدىن كېيىن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئىككى رەھبەر ئابدۇل باسىت ئەل مىغراھىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئەيىبلەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.
بىراق داۋىد كامېرون، ئابدۇل باسىت ئەل مىغراھىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىدە ئەنگلىيە نېفىت شىركىتىنىڭ ھېچقانداق رولى يوقلۇقىنى قەيت قىلدى.
ئامېرىكا جامائەتچىلىكىنىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك تەلەپلىرىنى رەت قىلغان كامېرون، مىغراھىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنىڭ پۈتۈنلەي شوتلاندىيەنىڭ قارارى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا مېكسىكا قولتۇقىدىكى نېفىت ئېقىپ كېتىش تۈپەيلى ئامېرىكا ھاكىمىيىتىنىڭ ئەنگلىيە نېفىت شىركىتىگە قارىتا يۈرگۈزگەن ئېمبارگۇلار مۆھىرىنى باستى.
ئامېرىكا ھاكىمىيىتىنىڭ ئەنگلىيە نېفىت شىركىتىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە سوغۇقچىلىق پەيدا قىلماقتا.
باراك ئوباما يەنە، ئىراننىڭ خەلقئارا ئېمبارگۇلارغا ئىزچىل قارشى چىقىشىنىڭ خەلقئارا جامائەتچىلىك تەرىپىدىن تېخىمۇ كۆپ چەتكە قېقىلىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.