گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە ئىككى نەپەر قاتناش ساقچىسىنى ئۆلتۈرۈپ قېچىپ كەتكەن جىنايەت گۇماندارى خۇيىخۇا 16-ئىيۇل جېجياڭ يىۋۇغا يالاپ ئېلىپ كېلىنىپ جىنايەت نەق مەيدانىنى تونۇپ بەردى . خۇيىخۇا 7-ئاينىڭ 2-كۈنى يىۋۇ شەھىرىدە بىر جۈپ ياش ئەر-ئايالنى ئۆلتۈرۈپ جەسەتنى كۆمۈۋېتىپ ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ماشىنا ۋە بانكا كارتىسىنى ئېلىپ قېچىپ كەتكەن ھەمدە كېيىن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جېياڭ شەھىرىدىكى تېز سۈرئەتلىك تاشيولدا قاتناش ساقچىلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىش جەريانىدا ئوق چىقىرىپ ئىككى نەپەر قاتناش ساقچىسىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن . ئاخىرى 8-ئىيۇل شيامېندا قولغا چۈشكەن .