ئەنگىلىيە تېلىگراف گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، ئامېرىكىدىكى بىر شىركەت يېقىندا يېڭى تىپتىكى ئۆزگىرىشچان تىك ئۇچار ئايروپىلان ياساپ چىققان بولۇپ ، بىر مىنۇت ئىچىدىلا تۆت چاقلىق ماشىنىغا ئايلىنىپ يولدا بىمالال يۈرەلەيدىكەن ھەمدە يەنە قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا تىك ئۇچارغا ئايلىنىپ ئاسماندا ئۇچالايدىكەن .
بۇ ئايروپىلاننى تېكساس شىتاتىدىكى AVX ئېلىكترون شىركىتى لاھىيىلەپ چىققان بولۇپ ، يېقىلغۇ يېتەرلىك شارائىتتا تولۇق قوراللانغان 4 ئەسكەرنى ئېلىپ بوشلۇقتا 400 كىلومېتردىن ئارتۇق ئۇچالايدۇ . ھاۋادىكى ئەڭ يۇقىرى تېزلىكى سائىتىگە 260 كىلومېتر ، يەر يۈزىدىكى ئەڭ يۇقىرى تېزلىكى 138 كىلومېتر كېلىدۇ . بەش بۇرجەكلىك بىنا (ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى) بۇ ئايروپىلاننى تېزراق ئومۇملاشتۇرۇپ يېقىن كەلگۈسىدە ئافغانىستان ۋە ئىراقتىكى مۇرەككەپ ئۇرۇش مەيدانى شارائىتتا ئىشلىتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .