14-ئىيۇل فرانسىيە پايتەختى پارىژدىكى زەپەر دەرۋازىسى ۋە جۇمھۇرىيەت مەيدانىدا دۆلەت بايرىمىلىق ھەيۋەتلىك ھەربىي پارات مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى . فرانسىيە زۇڭتۇڭى ساركوزى ۋە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئافرىقىدىكى 13 دۆلەتنىڭ رەھبىرى دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە بىرلىكتە ھەربىي پاراتنى كۆزدىن كەچۈردى .
1789-يىلى 14-ئىيۇل فرانسىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابچىلىرى پارىژ باستىلىيە تۈرمىسىنى ئىشغال قىلىپ ، فېئوداللىق تۈزۈمنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ جۇمھۇرىيەت قۇرغان . 1800-يىلى فرانسىيە خەلق پارلامېنتى 14-ئىيۇلنى رەسمىي دۆلەت بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن .